|
بايدېن بېكىتىلدى، تىرامپ قاتتىق قارشىلاشتى !發表時間:2020-11-08 12:39來源:بەيدۇ تىرامپ گولف توپ ئويناپ بولغاندىن كېيىن ئاق سارايغا قايتىپ كەلدى، چەت ئەل تاراتقۇلىرى: ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۇنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى تەبرىكلەۋاتقان كىشىلەر توپىدىن ئۆتتى. تىرامپنىڭ مەغلۇپ بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ئاق سارايغا قايتىپ كەلدى. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 7-چېسلا گولف توپ ئويناپ بولغاندىن كېيىن ئاق سارايغا قايتىپ كەلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، تىرامپنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئاق ساراي ئەتراپىدىكى «قارا تەنلىكلەرنىڭ جېنىمۇ جان» مەيدانىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە بىر توپ ئادەم تىرامپنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى تەبرىكلەۋاتقان ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلدىم، يەنە كېلىپ ناھايىتى زور ئۈستۈنلۈكتە !»، لېكىن ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ 7-چېسلادىكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بايدېن 270 تىن ئارتۇق سايلىغۇچىلار بېلىتىگە ئېرىشكەن. سايلام قائىدىسىگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن 270 سايلىغۇچىلار بېلىتىگە ئېرىشكەن زۇڭتۇڭ نامزاتى غەلىبە قىلىدۇ. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بايدېن سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يازما ئەۋەتىپ: «مەن بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلدىم، 71 مىليون قانۇنلۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشتىم» دېدى. ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بايدېننىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەتتا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بايدېننى تەبرىكلەشكە باشلىغان پەيتتە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يازما ئېلان قىلىپ، يەنە ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرۇپ: «بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلدىم، 71 مىليون قانۇنلۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشتىم» دېدى. بېيجىڭ ۋاقتى 8-چېسلا ئەتىگەن سائەت 6:00 دە، تىرامپ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى يازما ئېلان قىلدى. ئۇ ئاۋۋال ئىنگلىزچە چوڭ ھەرپ بىلەن يازما يېزىپ: «كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بېلەت ھېسابلاش ئۆيىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنماپتۇ. مەن بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلدىم، 71 مىليون قانۇنلۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشتىم. لېكىن يامان ئىش يۈز بەردى، بىزنىڭ كۆزەتچىلىرىمىزنىڭ كۆرۈشىگە يول قويۇلماپتۇ. ئىلگىرى بۇنداق ئىش يۈز بېرىپ باقمىغان. نەچچە مىليون پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن سايلام بېلىتى ئەزەلدىن تەلەپ قىلىپ باقمىغان كىشىلەرگە ئەۋەتىپ بېرىلدى ! » دېدى. ئارقىدىنلا ئۇ مۇنداق دەپ يازدى: «71 مىليون قانۇنلۇق سايلام بېلىتى. ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن بىر قېتىملىقى! ». بىراق، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ناھايىتى تېزلا تىرامپ تارقاتقان بىرىنچى يازمىنىڭ ئاستىغا بىر بەلگىنى چاپلاپ: «بۇ سايلام ئالدامچىلىقى توغرىسىدىكى يازمىدا تالاش-تارتىش مەۋجۇت» دېدى. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى: تىرامپنىڭ بايدېننى ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىش پىلانى يوق CNN ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تىرامپنىڭ بايدېننى ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىش پىلانى يوق دېدى. |
|