新聞詳情

بايدېن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغانلىقى ھەققىدە ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا گەپ قىلدى

發表時間:2020-11-08 13:01作者:ئەلكۈيى تورى來源:تېڭشۈن تورى

ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 7-چېسلا كەچ سائەت 8 (بېيجىڭ ۋاقتى 8-چېسلا سائەت 9) دە، بايدېن بىلەن خارىس دېلاۋار ئىشتاتىنىڭ ۋىلمىنگتون دېگەن يېرىدە پۈتۈن مەملىكەتكە سۆز قىلدى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خارىس مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئالدى بىلەن غەلىبە نۇتقى سۆزلىگەن، كېيىن بىدېن زۇڭتۇڭ بولۇش سالاھىيىتى بىلەن سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلغان.


خارىس سۆزىدە مۇنداق دېدى: « خەلقىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش ئىقتىدارى بار. بىزنىڭ دېموكراتىيىمىز بۇ قېتىمقى سايلامدا سايلام بېلىتىدە پەيدا بولغاندا، ئامېرىكا روھى غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇش پەيتىدە تۇرىدۇ، پۈتۈن دۇنيا قاراپ تۇرىدۇ، سىلەر ئامېرىكا ئۈچۈن يېڭى بىر كۈننى كۈتۈۋالدىڭلار. » دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، بايدېن يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ سالاھىيىتى بىلەن مەيدانغا چىقىپ، ئامېرىكىغا سۆز قىلدى. بايدېن ئالدى بىلەن: « كۆپچىلىك، بۇ دۆلەتتىكى خەلقنىڭ ھەممىسى گەپ قىلدى» ، « ئۇلار بىزگە ئۈزۈل-كېسىل غەلىبە بەردى» ، « كىشىنى قايىل قىلىدىغان غەلىبە» دېدى.

«مەن بۆلۈنۈش ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئىتتىپاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان زۇڭتۇڭ بولۇشقا كاپالەت بېرىمەن. دېدى بايدېن. »

مۇھاپىزەت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بايدېن يەنە تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا مۇنداق دېگەن: ئۇ ئۇلارنىڭ« ئۈمىدسىزلىكى» نى چۈشىنىدۇ. ئۇ ئىلگىرىمۇ« ئېزىپ قالغان» . ئەمما ھازىر، « بىر-بىرىمىزگە بىر پۇرسەت بېرەيلى» .

ئەنگلىيە« مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ بىۋاسىتە خەۋەر قىلىشىچە، مەيداندىكىلەر ماسكا تاقاپ، بايراق ۋە يالتىراق تاياقچىنى پۇلاڭلىتىپ، سايلانغان زۇڭتۇڭ ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭنىڭ سۆز قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان.

48يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، جوي بايدېن دېلاۋار ئىشتاتىدا تۇنجى قېتىم كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئورنىغا ئېرىشكەن. 48 يىلدىن كېيىن، ئۇ ئاق سارايغا كىرىدۇ. 1972-يىلى 29 ياشلىق بايدېن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

CNNبايدېننىڭ مەسلىھەتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بايدېننىڭ سۆزىنىڭ يادرولۇق ئۇچۇرى يەنىلا ئامېرىكىنى ئىتتىپاقلاشتۇردى ھەمدە بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇشقا ۋەدە بەردى، دېدى.

مەسلىھەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ باش تېمىسى ئۇنىڭ سايلام رىقابىتى پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە قېتىملىق مۇھىم نۇتۇقىدىن قوبۇل قىلىنغان مەزمۇنلار ئىكەن.


分享到: