|
تىرامپ: ئالىي سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقارسۇن!發表時間:2020-11-08 13:34來源:qq.com مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بايدېن ئالدى بىلەن 270 بېلەتكە ئېرىشكەن، كۆپلىگەن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدا يېڭىپ چىقىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. بايدېن بايانات ئېلان قىلىپ سايلىغۇچىلارنىڭ ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان ھەمدە: «ئامېرىكىلىقلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ھەم سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ۋاقىت كەلدى» دەپ مۇراجىئەت قىلغان. لېكىن تىرامپ سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ، قايتىدىن بېلەت ھېسابلاش كېرەكلىكىنى ھەم قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىپ، نەتىجىنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. |
|