新聞詳情

بىدېن سايلاندى ، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ گېپى كۈچكە ئېگىمۇ؟

發表時間:2020-11-08 13:36作者:图片來源:تېۇشۈن تورى

شۇ يەر ۋاقتى 7-نويابىر، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىدېن نېۋادا ئىشتاتى (6 پارچە) ۋە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى (20 پارچە) نى يېڭىپ، 290 سايلام ئۆمىكىنىڭ بېلىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 46-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ قالىدىكەن.

图片

ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى تىرامپ شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بىدېن غا يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغانلىقىنى، سايلامغا قانۇن جەھەتتە خىرىس قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى« ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى» ، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە   ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، ئامېرىكىدا يەنە بىر قانچە« ھالقىلىق ئىشتات» نىڭ بېلەت ھېسابلاش خىزمىتى تېخى ئاخىرلاشمىدى، ترامپ تەرەپمۇ بىر قانچە ئىشتاتتا قايتىدىن بېلەت ھېسابلاشنى پىلانلىدى.

تاراتقۇلارنىڭ ئېلان قىلىشى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدا رەسمىي رول ئوينىيالمايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ھەرقايسى ئىشتاتلارنىڭ 12-چىسلادىكى سايلىغۇچىلار ئۆمىكىنىڭ ئالدىدىكى رەسمىي ئەمەلدارى سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ« ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى» قانداق پەيدا بولغان، يەنە كېلىپ توغرىمۇ؟

ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى بىرەر ھۆكۈمەت ئورگىنى ئېلان قىلمىغان. 1848-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (TAssociateed Press) ئۈستىگە ئالغانلىقىنى جاكارلىدى.

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بىر مەيدان زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن مۆلچەرلىمەيدىكەن، ھەتتا روشەن ياكى مۇمكىن بولغان غەلىبە قىلغۇچىلارنىمۇ تىزىپ چىقمايدىكەن. پەقەت نەتىجىسى ئېنىق بولغاندىلا ئاندىن ئېلان قىلىنىدۇ.

图片

بىدېن ۋە ئۇنىڭ ئايالى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى


      ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىجرائىيە مۇھەررىرى ساللى بۇزبى (Sally Buzbee) مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « ئەگەر ھەرقانداق ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت بولسا ياكى يېتەرلىك تاللاش بېلەت سانى ئۆزگىرىشى مۇمكىن بولسا، بىز نەتىجىسىنى ئېلان قىلمايمىز. » دېدى

بىدېن بىلەن ترامپنىڭ بۇ سايلام رىقابىتىدە، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ھۆكۈمىمۇ ھېچقانداق تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ نەتىجىسى قانداق چىقتى؟

يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك، ئىشەنچلىك سايلام نەتىجىسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئېلان قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. ئامېرىكا بويىچە 4000 نەپەر ئەركىن مۇخبىر 50 ئوبلاستنىڭ ھەر بىر ۋىلايىتىدىن شۇ جاينىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى يىغدى. بۇ مۇخبىرلار شۇ جاينىڭ نەتىجىسىنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سايلام بېلىتىنى كىرگۈزۈش مەركىزىگە ئۇقتۇرىدۇ، يەنە 800 دىن ئارتۇق سايلام بېلىتىنى قوبۇل قىلغۇچى سانلىق مەلۇماتلارنى باھالاپ، مۇخبىر بىلەن سانلىق مەلۇماتلاردا نورمالسىزلىق بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن سىستېمىغا كىرگۈزىدۇ. ئارقىدىن ھەر بىر شتاتنىڭ سايلام رىقابىتىنى ئېلان قىلغۇچى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتونغا جايلاشقان سىياسىي ئەترىتىنىڭ ئانالىزچىسى بىلەن بىرلىكتە بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى تەھلىل قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، غەلىبە قىلغۇچىنى بېكىتكەن ھەمدە نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. ھەر بىر ئوبلاستنىڭ نەتىجىسى ئىككى مۇھەررىرنىڭ ئىمزا قويۇپ تارقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئاخىرقى سايلامدا غەلبە قىلىش نەتىجىسى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ باشلىقى جۇلى پېسنىڭ ئىمزا قويۇشىغا توغرا كىلىدۇ.


640-42.png

来源:腾讯网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:麦提江

640-529.jpeg

www.alkuyi.com



分享到: