|
ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن زۇڭتۇڭلىرى سايلامدا غەلىبە قىلغان دەقىقىلەر發表時間:2020-11-08 14:34來源:تېڭشۈن تورى 2020-يىللىق ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى پات ئارىدا ئايان بولىدۇ، بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن زۇڭتۇڭلىرى سايلامدا غەلىبە قىلغان دەقىقىلەرنى كۆرۈپ باقايلى. 1976-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئەسلىدە نامى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، جورجىيە ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى جىمى كات جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭ گېرالد فوردنى مەغلۇپ قىلىپ، 39-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولدى. 1980-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى رونالد رېگان غەلىبە قىلدى، ئۇ ئامېرىكىنىڭ 40ـ نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولدى. سۈرەتتە: 1980-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان رېگان ۋە ئۇنىڭ ئايالى نەنسى لوس ئانژېلېستا قوللىغۇچىلىرىغا قول پۇلاڭلاتماقتا. 1980-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، رىگان بىلەن ئۇنىڭ ئايالى نەنسى رىگان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر غەلىبىنى تەبرىكلىدى. زۇڭتۇڭ جىمى كات شۇ كۈنى سايلامدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە رېگاننىڭ قالتىس غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتىدە ھۆكۈمەتنىڭ تەرتىپلىك ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ تولۇق قوللاش ۋە ھەمكارلىشىشقا كاپالەتلىك قىلدى. 1988-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ 1988-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ جورجى بۇش دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى مايكول دۇكاكىسنى مەغلۇپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. سۈرەتتە: 1988-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، تېكساس ئىشتاتى خيۇستون بروۋن مەركىزىدە جورجى بۇش قوللىغۇچىلىرى بىلەن غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى. 1992-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بىل كىلىنتون سايلامدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى جورجى بۇشنى مەغلۇپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ 42-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. كىلىنتون 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇغۇلغان تۇنجى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، ئۇنىڭ غەلىبىلىك سايلىنىشى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسى قولدىن بېرىپ قويغىنىغا 12 يىل بولغان زۇڭتۇڭلۇق تەختىنى تارتىۋالدى. سۈرەتتە: 1992-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، كلىنتون ئاركانزاس ئىشتاتىنىڭ كىچىك تاش شەھىرىدە غەلىبە نۇتقى سۆزلىدى. 1992-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى بىل كىلىنتون ۋە ئۇنىڭ ئايالى، كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. كىلىنتوننىڭ ئايالى ھىلارى ئۇنىڭ يالې داشۆسىدىكى ساۋاقدىشى بولۇپ، ئائىلىسى باي ئىدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۇ كىلىنتوننىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى ئايلاندى. ئۇلارنىڭ بىر قىزى بار. 1996-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، كىلىنتون زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يەنە بىر قېتىم غەلىبە قىلدى. سۈرەتتە: 1996-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، كلىنتون ئاركانزاس ئىشتاتىنىڭ كىچىك تاش شەھىرىدىكى كونا ئىشتات پارلامېنتى بىناسىدىكى سايلام كېچىسىدە بىرىنچى خانىم ھىلارى كلىنتوننى قۇچاقلىماقتا. 1996-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، كلىنتون ئاركانزاس ئىشتاتىنىڭ كىچىك تاش شەھىرىدىكى كونا ئىشتات پارلامېنت بىناسىدا غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى. بىرىنچى خانىم ھىلارى كېلىنتون ۋە قىزى چېلسى كىلىنتون، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئال گور قاتارلىقلار بىر چەتتە تۇردى. 2000-يىلىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، «كىچىك بۇشنىڭ گور ئۈستىدىن ئەرز قىلىش دېلوسى» سىياسىي سەھنىنى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ، دەۋانىڭ مەنبەسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى جورجى بۇش بىلەن ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى گورنىڭ نەچچە ئون سايلام بېلىتى كۈچكە ئىگىمۇ-يوق، دېگەن تالاش-تارتىشى ئىدى. سۈرەتتە: 2000-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، چوڭ سايلام كېچىسى كىچىك بۇش ۋە ئۇنىڭ ئايالى لاۋرا تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئوستىن ئايرودرومىدا يىغىلىشقا قاتناشماقتا. 2000-يىلى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان گور بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان كىچىك بوشنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يېڭىش-يېڭىلىشنى ئايرىشى تەس بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا فلورىدا ئىشتاتىدا ئېرىشكەن بېلەت سانى پەرقى بەك كىچىك بولغاچقا، ئىككى تەرەپ سايلام ئۆمىكى ئوتتۇرسىدا بېلەتنى قايتىدىن تەكشۈرۈش-تەكشۈرمەسلىك توغرىسىدا بىر ئايغا سوزۇلغان ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ئۇرۇشى پارتلىدى. ئاخىرقى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە بۇش ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ سايلامدا ئۇتۇپ چىقتى. سۈرەتتە 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان كىچىك بۇش ئائۇستىن ئىشتاتى پارلامېنت بىناسىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 43-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولدى. 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جورجى بۇش بىلەن بىرىنچى خانىم لاۋرا بۇش ۋە قىزى جېننا بىلەن باربارا مەيدانغا چىقىپ، ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى جون كېررىنى يېڭىپ ئۇدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئىللىنوئىس ئىشتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئوباما چىكاگودا سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئايالى مىچېل (سولدىن 2-كىشى )، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان بايدېن (ئوڭدىن 1-كىشى) ئەر-ئايال بىلەن قوللىغۇچىلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈردى. ئوباما ئامېرىكىنىڭ 44-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولدى. ئوباما 4-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى رەقىبى جون ماككائىننى مەغلۇپ قىلىپ، 44-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان زۇڭتۇڭ بولۇپ قالدى. سۈرەتتە: زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ئوباما ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بايدىن سايلام كېچىسىدىكى يىغىلىشقا قاتناشتى. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئوباما سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلەش كېچىلىك يىغىلىشىدا ئايالى مىچېل بىلەن قۇچاقلاشتى. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئوبامانىڭ ئانىسى مارىيان روبىنسون بىلەن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ نامزاتى بايدېننىڭ ئانىسى جېن بايدېن سايلام كېچىسىدىكى يىغىلىشقا قاتناشتى. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئاخىرلاشتى، دونالد تىرامپ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتوننى يېڭىپ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولدى. ئارقىدىن ترامپ غەلىبە نۇتقى سۆزلىدى. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغان تىرامپ غەلىبە سۆزى قىلدى. سۈرەتتە: تىرامپ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ سەھنىگە چىقماقتا. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكا سايلىمىدا غەلىبە قىلغان تىرامپ غەلىبە سۆزى قىلدى. |
|