新聞詳情

iPhone 13 نىڭ ئاشكارىلىنىشى: بۇ قېتىم توك قاچىلاش ئېغىزىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

發表時間:2020-11-24 17:48作者:爱酷艺网來源:今日头条

iPhone 13نىڭ ئاشكارىلىنىشى:بۇ قېتىم توك قاچىلاش ئېغىزىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

توۋتىياۋ تورى خەۋېرى،ئەلكۈيى تورى 24-نويابىر تەرجىمىسى :ئىشىنىمەنكى،ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر iPhone12نى سېتىۋالدى،گەرچە بۇ يىلقى iPhone12دە ھەقىقەتەن ئانچە چوڭ يارقىن نۇقتا بولمىسىمۇ،لېكىن يەنىلا ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ سېتىۋالدى ، سېتىلىش مىقدارى يەنىلايامان ئەمەس، ھەتتا تالىشىپ بولغىلى بولمايدىغان مەنزىرە پەيدا بولدى.

1.png

بۇ يىلقى iPhone 12ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، يىغىنچاقلىغاندا مۇنداقبىر جۈملە سۆز بار: بۇ بىر تاشقى كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزەكنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ،5Gلىق iPhone 11نى قوللىغانلىق. بۇمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى iPhone 13دىن ئۈمىد كۈتكۈزدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ۋاڭشۇيى«13قالتىس» دېگەنىدى.

بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغىنىمدەل iPhone13، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزگىرىش بەك چوڭ. ئەگەر سىزيانفون ئىشلەپچىقىرىشقا نىسبەتەن چۈشەنچىگە ئىگە بولسىڭىز، بىر يېڭى يانفوننىڭ ئىشلەپچىقىرىشدەۋرى تەخمىنەن 6-12 ئاي بولىدۇ، شۇڭا كۆپ ھاللاردا، بىز يېڭى يانفون سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدا،ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات باسقۇچىغا كىرىدۇ.

2.jpg


ھەتتا مۇنداق ئەھۋاللارمۇبار: نۆۋەتتە يانفون تېخى رەسمىي سېتىلماي تۇرۇپلا، زاۋۇتلار كېيىنكى ئەۋلاد مەھسۇلاتلارنىڭIDلايىھەسى، سەپلىمە تاللىشى قاتارلىقلارنىپىلانلاشقا باشلىغان. شۇڭا ھازىر iPhone 13نىڭ خەۋىرى بار، ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپئەمەس، نۇرغۇن تەمىنلەش زەنجىرى ياكى ئىچكى قىسىمدىكى كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەنىلانۇرغۇن پايدىلىنىش نۇقتىلىرى بار ئىكەن.

ئالدى بىلەن سىرتقى كۆرۈنۈشنىدېيىشەيلى. بۇ قېتىم iPhone13بۇ خىل رامكا لايىھەسىنىداۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىماققا ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگەيەنىلا ليۇخەي لايىھەسىنى ساقلاپ قالىدۇ. بىراق چەتئەل تاراتقۇسى 9TechElevenمۇنداق دېدى: كوچا خەۋەرلىرىدە ئالما شىركىتىبۇ يىل ئىچىدە iPhoneنى ئېغىزسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، يەنىزەرەتلەش ئېغىزىنى بىكار قىلىپ، سىمسىز زەرەتلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، دېيىلگەن.

3.png


ئەمەلىيەتتە مەيلى AirPodsياكى MagSafeماگنىت سۈمۈرۈش سىمسىز توك قاچىلاش بولسۇن، بىز ئالمىنىڭچوقۇم سىمسىز مەھسۇلات ئارقىلىق ماڭىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەمما ھازىرقى ئەڭچوڭ مەسىلە شۇكى، سىمسىز زەرەتلەشنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغىلى بولامدۇ يوق؟ قانداقلا بولمىسۇنھېچكىم ھەر قېتىم ئىككى سائەت قويۇپ بېرىشنى خالىمايدىغاندۇ؟

ئەگەر ئالما ھەقىقەتەنتوك قاچىلاش ئېغىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم سىمسىز توك قاچىلاشقۇۋۋىتىدە چوڭ ھەرىكەت بولىدۇ. 65Wنى پەقەت ئويلىمايمەن، ئەگەر سىمسىز توك قاچىلاشقۇۋۋىتىنى 30Wقىلالىسلا قالتىس ھېسابلىنىدۇ.

4.jpg

ئىككىنچىسى ئېكران. ھەممىمىزگەمەلۇم، يېڭىلىق يارىتىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان بۈگۈنكى كۈندە، iPhone 12گە يەنىلا 60 Hzلىق ئېكران ئىشلىتىلگەن، بۇمۇ كەڭ تورداشلار ئەڭكۆپ ئىشلىتىدىغان جاي.

بىراق ھازىر تارقىلىپيۈرگەن گەپلەردە ئېيتىلىشىچە، ئالما شىركىتى كېلەر يىلى iPhoneدا120HzPMotionئېكران ئىشلىتىشنىپىلانلىغان، بۇ iPadPدا ئاللىقاچان پىشىپ يېتىلگەن لايىھە ئىكەن، لېكىنPنىڭئىككى خىل يانفۇن تىپى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

5.jpg

ئەلۋەتتە، 120 Hzچوقۇم ئۇدائىشلىتىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، مۇشۇئاساستا، iPhone13چوقۇم مۇناسىپھالدا باتارېيە سىغىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك، بولمىسا بۇ يىلقى iPhone 12گە ئوخشاش داۋاملىق توكى يەتمەسلىق كىلپچىقىدۇ، بەلكىم باشقا بىركەمچىىللىك نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۈچىنچىسى، ئۆزەك. 95Macنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازارئاخبارات شىركىتى TrendForceنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدامۆلچەرلىنىشىچە، ئالما 2021-يىلى iPhoneنىڭ A15ئۆزىكىگە يەنىلا 5nmياساش ھۈنەر-سەنئىتىنى قوللىنىدىكەن، لېكىن بۇ بىركۈچەيتىلگەن نۇسخا ئۆزەك ئىكەن.

6.jpg

كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭئۆزىكى A15دەپ ئاتىلىدۇ، تەمىنلەش سودىگىرى يەنىلا توكتوپلايدۇ، گەرچە يەنىلا 5nmياساش ھۈنەر-سەنئىتىبولسىمۇ، لېكىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ تېخىمۇ ياخشىبولغان ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ۋە ئىقتىدار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئەلپازدىن قارىغاندا، 5nm + بولغان گەپ .

5Gجەھەتتە، بەزى خەۋەرلەردە iPhone 13كە گاۋتۇڭنىڭ X60ئاساسىي بەلبېغى ئىشلىتىلىدۇ دېيىلگەن، لېكىن يەنىلاھازىرقىغا ئوخشاش، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ياكى رايونلارغا ئاساسەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ،مەسىلەن، دۆلەت ئىچىدە مىللىمېتىرلىق دولقۇننى قوللىمىسا، چەت ئەل قوللايدۇ دېيىلگەن.بۇنداق ئوخشىمىغان نۇسخىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئالمىنىڭ تەننەرخىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.

7.jpg

گەرچە بۇ قېتىم iPhone 12مۇ كۇۋالكوم ئاساسىي بەلبېغى بولسىمۇ، ئەممائىپادىسى يەنىلا ئادەتتىكىچە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگەن. iPhone 13ئالمىنىڭ ئىككىنچى خىل 5Gمەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىگنالنى ياخشىقىلالامدۇ؟

ئەڭ ئاخىرىدا سۈرەتكەتارتىش، ئىلگىرى گو مىڭجى كېيىنكى ئەۋلاد iPhoneنىڭPتىپىغا f/1.8نۇر چەمبىرىكى، 6Pئەينىكى، ئاپتوماتىك فوكۇس توغرىلاشنى قوللايدىغانئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا لىنزىسى سەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇرۇنقىغائوخشاشلا، ئالما شىركىتى يەنىلا سۈرەتكە تارتىش، كۆرۈنمە چاستوتىدا سۈرەتكە تارتىشجەھەتتە دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

8.jpg

يۇقارقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا،ئەمەلىيەتتە iPhone13نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدىكىئۆزگىرىش ئانچە چوڭ ئەمەس، ئاساسلىقى يەنىلا سەپلىمىدىكى ئۆزگىرىش.

ئەگەر راستىنلا توك قاچىلاشتۆشۈكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە سىمسىز توك قاچىلاش ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بولسا،قۇۋۋىتى ئاشقان بولسا ھېچقانداق مەسىلە يوق، قالغان 120 Hzئېكران، تېخىمۇ كۈچلۈك A15،تېخىمۇ مۇقىم 5Gتورى ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك سۈرەتكە تارتىش، ھەممىسىبىز بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلار بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا كىشىنى تەقەززاقىلىدۇ.

لېكىن مېنىڭ بىردىنبىركۆڭۈل بۆلىدىغىنىم يەنىلا باتارېيە، ئەگەر ئۆلچەملىك نۇسخىدىكى باتارېيەنى ئاز دېگەندە3000 + دىن باشلاش كېرەك بولسا« 13 قالتىس» دېگەن سۆزگە ھەقىقەتەن تاقابىل تۇرالايمەن.بۇنداق بولسا، سىزiPhone13تاللامسىز؟


分享到: