|
18 ياشلىق «ئوغۇل» ھامىلدار بولۇپ قالدى發表時間:2020-11-24 18:56來源:تېڭشۈن تورى مايكى شەنىل (Mikey Chanel) بىر ئامېرىكىلىق ئوغۇل بالا بولۇپ، 18 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ھاياتى نورمال داۋاملىشىپ كېتىپ باراتتى. بىراق بۇيىل 18 ياشلىق بۇ ئوغۇل بالا ھامىلدار بولۇپ قالدى. يېقىندا ئەنگىلىيەدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى مايكىدا يۈز بەرگەن بۇ غەلىتە ئىشنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. مايكى ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدىكى بوستوندا تۇغۇلغان. ئانىسى مايكىغا ھامىلدار ۋاقتىدا قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ جىنسىنى تەكشۈرتكەن بولۇپ، دوختۇر بالىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ئانىسى يەڭگىگەندىن كېيىن بالىسىنىڭ ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدى. مايكىنىڭ بەدىنىدە ئەرلىك جىنسىي ئەزا بولغاچقا، ئاتا - ئانىسىمۇ تەبىئىيلا دوختۇرنى ئەينى ۋاقىتتا خاتالىشىپ قالغان دەپ قاراپ رېئاللىقنى قوبۇل قىلدى، ئوغلىنى ئادەتتىكى ئوغۇل بالىلارغا ئوخشاش بېقىپ چوڭ قىلدى. ئۇنىڭ ساغرىسى ۋە داس سۆڭىكى ئادەتتىكى ئوغۇللاردىن چوڭ بولۇپ، تاشقى قىياپىتى قىزلارغا ئوخشاپ كەتكەچكە مەكتەپتىكى بالىلار ئۇنى دائىم بوزەك قىلاتتى. ئۇلار ئۇنى قىز بالىغا ئوخشىتىپ ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن تىللايتتى. مايكى ئۇچاغدا ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆزىگە نېمىشقا شۇنچە ئاھانەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئەركەك سۈپەت ئەمەسلىكىنى، ئوخشاش ياشتىكى ئوغۇللاردەك بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرمىگەنلىكىنى بىلەتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ جىنسىدىن گۇمانلىنىپ باقمىغانىدى. ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق مايكى ئۆزىنىڭ قىزلارنى ئەمەس ئوغۇللارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. 13 يېشىدا ئۇ ھەمجىنىسلىق سالاھىيىتىنى ئۆيىدىكىلەر ئالدىدا ئاشكارا قىلدى. ئۇ ئەسلىدە ئۆزىنى ھەمجىنىس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئوغۇللار ئارىسىدا بىئاراملىق ھېس قىلغان دەپ ئويلىغانىدى، بىراق بۇلتۇر 17 ياشتا سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەقىقىي ئەھۋالنى بايقىدى. بۇ بىر نەچچە يىلدا مايكى ھەر قېتىم كىچىك تەرەت قىلغاندىن كېيىن بەدىنىنىڭ سەل بىئارام بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈيدۈك يولىنى تەكشۈرتتى. دوختۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «سىز قارىماققا ئوغۇل بالىدەك كۆرۈنسىڭىزمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە بىر يۈرۈش يوشۇرۇن ئاياللىق كۆپىيىش سېستىمىسى بار ئىكەن، بالىياتقۇ بوينى، تۇخۇمدان، بالىياتقۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىكەن. ئەگەر سىز خالىسىڭىزلا ھەتتا ھامىلدار بولۇپ بالا تۇغسىڭىزمۇ بولىدۇ» دېگەن. مايكى دوختۇرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسدا «مەن بىر ئوغۇل بالا قانداق تۇغىمەن، دوختۇر تايىنى يوق رومانلارنى جىق كۆرۈپ كېتىپ ئالجىپ قالدىمۇ قانداق؟ ماڭا چاقچاق قىلىۋاتامدىكىنە؟» دېگەن سوئاللار پەيدا بولغان. نەتىجىدە دوختۇر مايكىغا ئېكراننى كۆرسەتكەن. ئېكراندا بالىياتقۇنىڭ شەكلى ۋە جايلاشقان ئورنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان بولۇپ، مايكى بۇنى كۆرۈپ كۆزلىرگە ئىشەنمەي قالدى. ئۆزى زادى قىزمۇ ئوغۇلمۇ؟ ئەسلىدە، ئۇنىڭغا ئاز ئۇچرايدىغان تۇغما كېسەللىك داۋاملىشىشچان مۇللېر نەيچىسى (PMDS) يىغىندى كېسەللىكىگە گىرىپدار بولغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغانىدى. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ بەدىنىدە ئىككى يۈرۈش كۆپىيىش سىستېمىسى بار بولۇپ، ئەرلىك كۆپىيىش سېستىمىسى بەدەن سىرتىدا، ئاياللىق كۆپىيىش سېستىمىسى بەدەننىڭ ئىچكى قىسىمىدا يوشۇرۇن ھالەتتە بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە PMDS كېسىلىگە گىرىپدار بولغان ئادەملەردە گەرچە تۇخۇمدان، بالىياتقۇ قاتارلىق ئەزالار بولسىمۇ لېكىن ئادەتتە جىنسىي يول ئېغىزى بولمايدۇ، يەنى يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا ئادەتتىكى ئەرلەر بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، بىراق بەدىنىدە ئەر ۋە ئاياللىق جىنسىي ئەزاسى تەڭلا مەۋجۇت بولىدۇ. ھەتتا ھامىلدار بولۇپ بالا تۇغالايدۇ. شۇڭا شىۋاسىنگېرنىڭ كومېدىيەلىك فىلىم «پەۋقۇلئاددە شاكىچىك»(魔鬼二世)دىكى ئەرلەر ھامىلدار بولغان كۆرۈنۈش راستتىنلا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. نۇرغۇن PMDS كېسەللىك بىمارلىرى ئۆزىنىڭ ئەر قىياپىتىدە كۆرۈنگەن بەدىنىدە يەنە بىر يۈرۈش ئاياللىق جىنسىي ئەزانىڭ بارلىقىنى ئەسلا بىلمەيدۇ. PMDS كېسەللىك بىمارلىرىنىڭ بەدىنىدە ئىككى يۈرۈش كۆپىيشى سېستىمىسى بولۇپ، بەزىلەر ھەتتا ھامىلدار بولالايدۇ، ئۇنداقتا ئۇلاردا ھەيز كېلەمدۇ؟ ئىلگىرى بىر PMDS كېسەللىك بىمارى بولۇپ، دائىم قان سىيىدىكەن، ئۇ قورققىنىدىن دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنگىلى بارغان. دوختۇر كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەسلىدە بۇنى دوۋساق راكىنىڭ ئالامىتى دەپ ئويلاپ، ئۇنى دەرھال تەكشۈرۈپ بېقىشقا بۇيرۇغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ بەدىنىدە بىر يۈرۈش ئاياللىق كۆپىيىش سېستىمىسى بارلىقى بايقالغان. ئۇنىڭ سۈيدىكىگە ئارىلىشىپ قالغان قاننىڭ ھەممىسى ھەيز ئىكەن. ھەيز بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئاندىن پەيدا بولىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن بىمارلار بالىلىق چاغلىرىدا ئۆزىنىڭ ئەرلىك سالاھىيىتىدىن قىلچە گۇمانلانمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە PMDS كېسەللىك بىمارلىرىغا ھەيز كېلىۋەرمەيدۇ، يەنە نۇرغۇنلىرىدا مايكىغا ئوخشاش ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ. ھەتتا بەزىلەر ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە يىرىق چۇقۇقى بولۇپ قالىدۇ ياكى ئۇزاققىچە پەرزەنتلىك بولالمايدۇ، ئوپېراتسىيە قىلغاندا ياكى تەكشۈرگەندە ئاندىن ھەقىقىي ئەھۋالنى بايقىغىلى بولىدۇ. PMDS بىمارلىرىنىڭ بەدەن سىرتىغا تولۇق چىقمىغان ئۇرۇقدېنى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، بالىياتقۇ قاتارلىقلار يىرىقتا قىسىلىشىپ قالغاندا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يىرىق چۇقۇقى پەيدا بولىدۇ. دوختۇر مايكىنىڭ بالىياتقۇسىنى ئېلىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلدى، چۈنكى PMDS كېسەللىك بىمارلىرى ئاسانلا راك كېسىلى ياكى ئۆسمىگە گىرىپدار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەگەر بالىياتقۇ ئېلىۋېتىلمىسە تېخىمۇ ئېغىر كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. مايكى ئەسلىدە دوختۇرنىڭ دېگىنى بويىچە قىلماقچى ئىدى، لېكىن تەكشۈرۈش جەريانىدىكى بىر ئىش ئۇنىڭ ئويىنى ئۆزگەرتتى. دوختۇر ئۇنىڭغا گەرچە ئۇنىڭ ئىككى يۈرۈش كۆپىيىش سىستېمىسى بولسىمۇ، لېكىن ئەرلىك كۆپىيىش سېستىمىسنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى. تۇخۇمدان قاتارلىق ئاياللىق كۆپىيىش سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى نورمال ئىدى. ئۇ ئەگەر ئاياللىق كۆپىيىش سېستىمىسىدىن پايدىلىنىپ بالىلىق بولمىسا بالىلىق بولالمايدىغانلىقىنى بىلدى. ئاتا - ئانىسى كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ يېنىدا كۆپ تۇرمىغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىنلا ئاتا - ئانا رولىنى ئويناپ ، باشقا بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ياخشى كۆرەتتى، چوڭ بولغاندا بىر كۆيۈمچان دادا بولۇشنى ئارزۇلايتتى. ئەمدىلىكتە بولسا تەقدىرنىڭ چاقچىقى بىلەن ئۇنىڭدا بىر «ئەر ئانا» بولۇشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. بۇ يىل 18 ياشقا كىرگەن مايكى بالىياتقۇنى ئېلىۋېتىش ئوپىراتسىيىسىدىن بۇرۇن بالىلىق بولىۋالمىسا بۇ ئۆمرىدە مەڭگۈ بالىلىق بولالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، سۈئىي ئۇسۇلدا ھامىلدار بولۇش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇردى، گەرچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ئاران %20 بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا سىناپ باقماقچى بولدى. بۇنى كۆرۈپ كۆپچىلىك قايمۇقۇپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن، مايكىنىڭ جىنسىي يول ئېغىزى بولمىسا، ئۇ قانداق بالا تۇغىدۇ؟ نەرىدىن تۇغىدۇ، بالا كىمنىڭ بالىسى؟ ئاندىن ZIFT دەپ ئاتىلىدىغان زىگوتا تۇخۇم نەيچىسى ئىچىدە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىنىدۇ، مايكىنىڭ جىنسىي يول ئېغىزى بولمىغاچقا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرىكتۈرۈلگەن ئۈچ دانە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى قورساق بوشلۇقى ئوپېراتسىيەسى قىلىش ئارقىلىق تۇخۇم نەيچىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك ئىدى. بىر قاتار مۇرەككەپ مەشغۇلاتتىن كېيىن مايكى مۆجىزىلەرچە بىر ئوغۇل بالىغا ھامىلدار بولدى، ھازىر ئۇنىڭ بالىسى تۆت ئايلىق بولدى. مايكى يېڭى بىر ھاياتلىقنى قارشى ئېلىشقا تەييارلىنىپ بولدى. بىراق ھازىر ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا ياكى دادا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇ زادى ھامىلدار بولغان ئەركىشىمۇ ياكى ئەرلىك جىنسىي ئەزاغا ئىگە ئايال كىشىمۇ؟ ھامىلدار بولۇش جەريانىدا ئۇ ئىزچىل ئويلاپ كەلدى. بەلكىم ئۆزى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقىتتا دوختۇرنىڭ قىز دەپ ئايرىغىنى توغرا بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم ئۆزى ئەسلىدىنلا بىر ئايالدۇر. ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇ ئەر ھەمجىنىس ئەمەس، بەلكى ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشى خالاس. ھازىر مايكى بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن جىنس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ پۈتۈنلەي ئايالغا ئۆزگىرىپ، بالىسىنى ئانىلىق سالاھىيەت بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. 18 يېشىدا ئەر كىشىدىن ئايال جىنىسقا ئۆزگىرىپ قېلىش ئاندىن كېيىن ئەر قىياپىتىدە ھامىلدار بولۇشتىن ئىبارەت بۇ رومانلاردىلار كۆرۈلىدىغان بىرقاتار ۋەقەلىكلەر ئەمدىلىكتە مايكىدە يۈز بېرىۋاتاتتى. مەيلى ئايال ياكى ئەر بولسۇن مايكى بالىسىنى ئامان-ئېسەن يەڭگىپ خۇشال تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايتتى. |
|