新聞詳情

ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۋالدى! ئاقساراي ئۇنىڭ بولدى، زۇڭتۇڭ سايلىمى تۈگىدى

發表時間:2020-11-24 20:45作者:ئەلكۈيى تورى來源:يەرشارى تورى

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا خوجىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بايدېن ئەترىتىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكۈنچى باسقۇچىنى رەسمىي باشلىسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا خوجىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئېمىلى مۇرپىي (Emily Murphy) نىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان، خەتتە يېزىلىشچە ئامېرىكا خوجىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسى «زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان» بايدېنغا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى، بايدېن ئەترىتىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكۈنچى باسقۇچىنى باشلاشقا تەييارلىق قىلىشىنى ئۇقتۇرغان.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خەت مەزكۇر ئورگان تەرەپنىڭ تىرامپنىڭ سايلامدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەن. ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بايدېن ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ خەت مۇرپىينىڭ <بايدېننىڭ غەلىبەنامىسى>گە رەسمىي ئىمزا قويغانلىقىدىن، شۇنداقلا بايدېننڭ ئۆتكۈنچى خىزمىتىنى رەسمىي باشلايدىغانلىقى، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھۆكۈمەت ئورگىنى ئەمەلدارلىرى بىلەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان بايدېن ئەترىتىدىكلەرنىڭ ماسلىشىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقى ھەمدە ئۆتكۈنچى مەزگىلدە نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھۆكۈمەت مەبلىغىگە ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بايدېن ئەترىتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «دۆلىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسنى ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈر قەدەم-باسقۇچلىرى باشلاندى» دېدى.
ئامېرىكا خوجىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسى (GSA) بايدېننىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكۈنچى باسقۇچىنى رەسمىي باشلاشقا رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بايدېن ئۆتكۈنچى ئەترىتىنىڭ ئىجرائىيە مەسئۇلى يوھانىس ئابراھام (Yohannes Abraham) ئامېرىكا خوجىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكۈنچى باسقۇچىنى رەسمىي قانات يايدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش» توغرىسىدىكى قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ قارارنىڭ «ئامېرىكا دۇچ كەلگەن خىرىسنى ھەل قىلىش، يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىپ، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشتەك زۆرۈر قەدەم باسقۇچلىرى» نىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئابراھام: «بۇ فېدېراتسىيە ئورگانلىرى بىلەن بولغان ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكۈنچى باسقۇچىنى رەسمىي باشلاشنىڭ ئاخىرقى قارارى، بىر ئېنىق مەمۇرىي ھەرىكەت. كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە ئۆتكۈنچى ئەترەتنىڭ ئەزالىرى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن يىغىن ئېچىپ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.»
بۇنىڭغا قارىتا تىرامپ ئالاقە تورىدا يازما يوللاپ مۇنداق دېدى: «ئېمىلى مۇرپىينىڭ دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسى ۋە قەتئىي تەۋرەنمەس ساداقىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇ پاراكەندىچىلىككە، تەھدىتكە ۋە خورلىنىشقا ئۇچرىدى، مەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ياكى خوجىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى خادىملارنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىشىنى خالىمايمەن. بىزنىڭ دەۋايىمىز يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، بىز داۋاملىق بوشاشماي تىرىشىمىز. مەن بىزنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن! ھالبۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، مەن ئېمىلى ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىغا دەسلەپكى كېلىشىم جەھەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىش تەكلىپىنى بەردىم، مەنمۇ كوللېكتىپىمغا ئۇلار ئىشلىرىنى قىلىۋەرسۇن دەپ ئۇقتۇرۇپ قويدۇم.»

تىرامپ يازما ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ خەۋەر بەردى: «ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ دۈشەنبە (23-چېسلا) ھۆكۈمەتنىڭ بايدېننىڭ ئۆتكۈنچى ئەترىتىنىڭ مۇساپىسىنى باشلاشقا قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان ئۆزىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان ئىپادىسى.»
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى خەۋىرىدە يەنە بەزى ئاقساراي خىزمەتچىلىرىنىڭ دەسلەپتە ئامېرىكا خوجىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسى (GSA) نىڭ بايدېنغا يازغان خېتىنىڭ مەزمۇنىدىن تەمتىرەپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان.


分享到: