|
نىسساننىڭ ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد Note ئاپتوموبىلى رەسمىي ئېلان قىلىندى發表時間:2020-11-24 20:52來源:ماشنا تورى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى نىسسان ئاپتوموبىلى ئەڭ يېڭى ئەۋلاد (3-ئەۋلاد) Note ئاپتوموبىلىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. يېڭى ئاپتوموبىل تاشقى قىياپەت ۋە ئىچكى بېزەك قاتارلىق جەھەتلەردە قايتىدىن لايىھەلەنگەن، قارىماققا تېخىمۇ ياش مودا كۆرۈنىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا يەنە ئايلانما ئورۇندۇق قوشۇلۇپ، يولۇچىنىڭ چىقىپ-چۈشۈشىگە يەنىمۇ قولايلىق ياراتقان؛ ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە يېڭى ئاپتوموبىلغا ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەۋلاد e-POWER ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى سىستېمىسى سەپلەنگەن، قۇۋۋىتى ۋە بۇراش مومېنتى بىردەك ئازراق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. نىسسان Note ئاپتوموبىلى كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىل دەپ بېكىتىلگەن، بىرىنچى ئەۋلاد مەھسۇلاتى 2005-يىلى بازارغا سېلىنغان، 2012-يىلى ئىككىنچى ئەۋلاد تىپى ئېلان قىلىنغان ھەمدە 2016-يىلدىن باشلاپ e-POWER ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى سىستېمىسى سەپلىنىشكە باشلىغان. ئىگىلىنىشچە، نىسسان Note ئاپتوموبىلىنىڭ 15 يىلدىكى جەمئىي سېتىلىش مىقدارى بىر مىليون 460 مىڭ دانىغا يەتكەن، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان تىپى ئۈچىنچى ئەۋلاد بولۇپ، 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ياپونىيەدە ئالدىن سېتىلىشقا باشلايدىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ئاپتوموبىل دۆلىتىمىز بازىرىغا كىرگۈزۈلمەيدىكەن. تاشقى قىياپەتتە يېڭى ئاپتوموبىلدا نىسساننىڭ ئەڭ يېڭى جەمەتلەشكەن لايىھەسى قوللىنىلغان، ماشىنا بېشىدا «V-Motion» ياسىلىش شەكلى يەنىلا ساقلاپ قېلىنغان، ئەمما تەپسىلىي ئورۇنلار يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئوتتۇرا تور سالاسۇن ئىچكى قىسىمى رومبىسىمان پاسوندا، ئۈستى بېزەك تاياقچە ھەمدە ئاستى بىخەتەرلىك لىمى بىردەك ئىسلاپ قارىدالغان لايىھەدە، قارىماققا تېخىمۇ سپورت پۇراققا ئىگە كۆرۈنىدۇ. يېڭى ئاپتوموبىلدا 13 خىل گەۋدە رەڭگىنى تاللاشقا تەمىنلەيدۇ. ئىچكى بېزەك جەھەتتە كونا تىپىغا سېلىشتۇرغاندا قايتىدىن لايىھەلەنگەن، يېڭى ئاپتوموبىلنى نۆۋەتتىكى مودا گۈزەللىك قارىشىغا يېتىشتۈرگەن، ئوتتۇرا كونترول سۇپىسىدىكى دىققەتنى ئەڭ تارتىدىغىنى يەتتە ديۇملۇق سۇيۇق كىرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى ۋە توققۇز ديۇملۇق مېدىيا ئېكرانى. يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە نىسسان ProPILOT ئەقلىي ھەيدەش ياردەمچى سىستېمىسى سەپلەنگەن. ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى سىستېمىسىدا يېڭى ئاپتوموبىلغا ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەۋلاد e-POWER ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى سىستېمىسى سەپلەنگەن، ئاساسلىقى ئېلېكترماتور ھەمدە تېزلىك ئۆزگەرتكۈچنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. بۇنىڭدا ئېلېكترماتور كونا تىپىغا قارىغاندا قۇۋۋىتىنى %6 يۇقىرى كۆتۈرگەن، بۇراش مومېنتى بولسا %10 كۆتۈرۈلگەن؛ تېزلىك ئۆزگەرتكۈچنىڭ ھەجىمى بىرىنچى ئەۋلاد مەھسۇلاتقا قارىغاندا %40 كىچىكلىگەن، ئېغىرلىقى %30 يېنىكلەپ، تېزلىنىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن، بىرلا ۋاقىتتا ماي سەرپىياتىمۇ تۆۋەنلىگەن. ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى سىستېمىسىنىڭ كونكرېت پارامېتىرى ۋاقتىنچە ئېلان قىلىنمىدى، كونا تىپىغا ئاساسلانساق، يېڭى ئاپتوموبىلغا داۋاملىق 1.2 لېتىرلىق ئۈچ سىلىندىرلىق ماتور ۋە ئېلېكترماتوردىن تەركىب تاپقان e-POWER ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى سىستېمىسى سەپلىنىشى مۇمكىن، ئېلېكترماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى تەخمىنەن 108 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇراش مومېنتى 254 نيۇتون مېتىر. |
|