|
دۇنيا يانفون ساھەسى رەت-تەرتىپى يېڭىلاندى! ئالما ئالدىنقى ئۈچتىن چىقىپ كەتتى發表時間:2020-11-24 21:28來源:qq.com ئالدىنقى ئايدا ئىككى چوڭ يانفون ماگناتى ئالما بىلەن خۇاۋېي يېرىم ئاي ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى چوڭ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتنى ئېلان قىلدى، iPhone 12 ۋە خۇاۋېي Mate 40. 11-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، iPhone 12P Max نى ئورگان تورىدىن ئالدىن سېتىۋېلىش بەش مىنۇت نورمال بولماي توختاپ قالدى، 20 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بارلىق تىپتىكى يانفونلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 3 ~ 4 ھەپتە ئۆچىرەت تۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى مەلۇم بولدى. ئەمما ئالما شىركىتىنىڭ تور سىرتىدىكى iPhone 12 نىڭ تور يۈزىگە چىقىشىنى قەتئىي چەكلەيدىغانلىقى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. 10-ئاينىڭ 23-كۈنى شېنجېن يۈەنۋاڭ رەقەملىك سودا شەھەرچىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئالما شىركىتى ئۇلارنىڭ iPhone 12 نى توردا سېتىش يوللىرىنى چەكلىگەن، ئۇنداق قىلمىسا ھەر بىرىگە 400 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ دېيىلگەن، بۇ ئالما تارىخىدا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي كەمچىل بولغىنى خۇاۋېي Mate 40 يۈرۈشلۈكى. كەسپىي زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەيلى توردا ياكى تور سىرتىدا بولسۇن، سېتىلىۋاتقان خۇاۋېي Mate 40 يۈرۈشلۈكلىرى ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن مال كەلگەن ھامان بۆلۈنۈپ بولۇش ھالىتىدە تۇرماقتا. دۇنيادا يۇقۇمنىڭ يامرىشى، سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يەر شارى يانفون بازىرىمۇ ئوخشاشلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرتىپكە سېلىشقا دۇچ كەلدى. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىدا، ئۈچىنچى پەسىلدىكى ئالدىنقى تۆت چوڭ شىركەتنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپى سامسۇڭ، خۇاۋېي، شياۋمى ۋە ئالما بولغان. تۆت چوڭ باش شىركەتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون مال چىقىرىش مىقدارى يەر شارى بازىرىنىڭ تەخمىنەن %60.6 نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شياۋمى بىرىنچى پەلەمپەيسىمان ئەترەتتىكى ئەڭ چوڭ «قارا تۇلپار» بولۇپ، ئالدىنقى تۆتنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان يانفون زاۋۇتى. |
|