|
دىققەت! 22 بىمار كۆپەيدى| بۇ قورۇدىكى يۇقۇم سەۋەبى ئاشكارىلاندى發表時間:2020-11-24 21:51來源:uycnr 23-نويابىر سائەت 0دىن 24گىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 22، تەپسىلاتىنى ۋىدېيودىن كۆرۈڭ! يېقىندا، تيەنجىن شەھىرى دۇڭجياڭ پورت رايونى شىخەيشۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئۇدا 8 ئادەم يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، بۇ يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا، تيەنجىن شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يىڭ بۈگۈن بۇ ئولتۇراق رايوندىكى ۋىروس مەنبەسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. نەچچە كۈن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئولتۇراق رايوندىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى لىفىتقا ئولتۇرغاندا ماسكا تاقىمىغان ھەمدە لىفىت ئىچىدە يۆتىلىپ، چۈشكۈرۈپ، لىفىت مۇھىتىنى بۇلغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئولتۇراق رايوندىكى باشقا ئاھالىلەر يۇقۇملانغان. (جۇڭگو ياشلار گېزىتى. جۇڭگو ياشلار تورى مۇخبىرى خۇ چۈنيەن)
|
|