新聞詳情

كۇچا شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 150 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

發表時間:2020-11-25 11:38作者:ئەلكۈيى تورى來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى


10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، بىر ئامەتلىك لاتارىيەچى 150 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 11 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ياش يىگىت چى ئەپەندى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى خۇشاللىقىنى يوشۇرالمىغان ھالدا مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانىنى كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھىرلەندى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، چى ئەپەندى خىزمەتچى خادىملارغا، ئۆزىنىڭ بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن كۇچا شەھىرىدىكى بىر بىناكارلىق شىركىتىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى لاتارىيەچى ئىكەنلىكىنى، لاتارىيە بىلەن ئۇچراشقىنىغا ئەمدىلا تۆت، بەش ئاي بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل لاتارىيە بېلىتى ئويناشقا، بولۇپمۇ قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىغا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدى، ئاساسىي جەھەتتىن ئۇ ھەر قارار لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى، بەزىدە ئۇ يەنە بىر-ئىككى پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقاتتى. 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، دەل قوش رەڭلىك توپ مۇكاپات ئېچلىش كۈنى بۇلۇپ ، شۇ كۈنى كەچتە ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئىدارىسىدىن چىقىپ، قايتىش يولىدا تاللا بازىرىغا بېرىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋالماقچى بولدى، ۋە كۇچا شەھىرى 65290212 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتكەندە كىرىپ تەلەي سىناپ باقماقچى بولدى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىى ئىچىگە كىرىپ ساتقۇچى خادىمنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ ئىككى تال قوش رەڭلىك توپ تاللىدى. چى ئەپەندى يان تېلېفون ئۈندىدار ئارقىلىق تۆت يۈەن تۆلىگەندىن كېيىن، پۇكەيدە تىزىپ قويۇلغان رەڭگارەڭ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلەتلىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە: بۇ «ئالتۇن بەخت يۇلتۇزى» دە مۇكاپات چىقارمۇ؟ بىر نەچچە پارچە سېتىۋېلىپ تەلىيىمنى سىناپ باقاي!-دەپ ئويلىدى، بەش پارچە« ئالتۇن بەخت يۇلتۇزى» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندىن كىيىن، چى ئەپەندى ئەستايىدىل قىرىشقا باشلىدى. چى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ «19» دېگەن ساننى كۈرۈپ سەل جىددىيلىشىپ قالغان، داۋاملىق قىرغاندىن كىيىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا «150 مىڭ!» نامايەن بولغان، 150 مىڭ؟ ئۇ لاتارىيە بېلىتىنى كۆتۈرۈپ بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، مال ساتقۇچىغا كۆرسەتتى، مال ساتقۇچىنىڭ جەزملەشتۈرۈش جاۋابىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، چى ئەپەندى ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن 150 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدى.

چى ئەپەندى مۇنداق دەپ قارىدى:«مەن 150 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بۇ گەرچە تاسادىپىيلىق بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىر نەچچە ئايدىن بۇيان پاراۋانلىق لاتارىيەگە بولغان ئىشتىياقىمغا جاۋاپ بولدى. پەقەت ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللىسلا، ھامان مۇكاپات چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەنمىز.»-دېدى.

1.png
分享到: