新聞詳情

داڭلىقلار كىتىپ قالماقتا ، بۇ يىلدا ۋاپات بولغان داڭلىقلار

發表時間:2020-11-26 20:32作者:تېڭشۈن تورى來源:ئەلكۈيى تورى

دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى رىۋايەتلىك چولپان، بىر ئەۋلاد «پۇتبول شاھى» مارادونا بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى (شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە) يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ 60 يېشىدا ۋاپات بولدى.

ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا بۇ خەۋەرنى دەللىلىدى ۋە بۇ رىۋايەتلىك توپچىغا ھۆرمىتىنى بىلدۈردى: «رىۋايەتلىك توپچىمىز مارادونا، سەن مەڭگۈ بىزنىڭ قەلبىمىزدە!»

پۇتبول ساھەسى ۋە باشقا ساھەلەردىكى داڭلىق زاتلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن مەڭگۈلۈك رىۋايەتكە ئايلانغان بۇ پۇتبول شاھىغا ھۆرمىتىنى بىلدۈردى:

مېسسى: بۈگۈن ئارگېنتىنا ۋە دۇنيا پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىق بىر كۈن بولدى، ئۇ بىزدىن ئايرىلدى، لېكىن ئۇ يەنىلا قەلبىمىزدە، ئۇ مەڭگۈلۈك رىۋايەت!

پېلى: قايغۇلۇق خەۋەر. مەن بىر يېقىن دوستۇمدىن ئايرىلدىم، دۇنيا بىر رىۋايەتتىن ئايرىلدى!

كرىستيانو رونالدو: مەن بۈگۈن بىر دوستۇم بىلەن خوشلاشتىم، دۇنيا بىر نەپەر تالانت ئىگىسىدىن ئايرىلدى. ئۇ تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ بىرى. بىر تەڭداشسىز سېھىرگەر. گەرچە ئۇ بەك بالدۇرلا كېتىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن تۈگىمەس مىراسلارنى قالدۇردى، سەن مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان رىۋايەت!

مارادونا كەسپىي ھاياتىدا توپ تەپكەن كۇلۇبلاردىن بارسېلونا ۋە ناپولى، ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن پۇتبول كۇلۇبلىرى ۋە پۇتبول دۇنياسى ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈردى.

مارادونانىڭ يۇرتى ئارگېنتىنادىكى كىشىلەرمۇ چەكسىز ئازابلاندى ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇ قەھرىمانىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى بىلدۈردى.

2020-يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 20-ئەسردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، پېلى ۋە مارادونا تاللانغان.

ئېلىمىزدىكى كۆپلىگەن مەستانىلەر ئۈچۈن پېلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قالتىس ئىپادىسى سەل ناتونۇش، چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا تېلىۋېزىيە تارقىتىش ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، دۇنيا لوڭقىسى قاتارلىق مۇھىم مۇسابىقىلەر ۋە پېلىنىڭ ئىش ئىزلىرى ئانچە كەڭ تارقالمىغان.

1978-يىلى مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسى تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى تېلىۋېزىيەدە تارقاتتى، دەل شۇ ۋاقىتلاردىن كېيىن جۇڭگو خەلقى مارادونىنى تونۇشقا باشلىدى ۋە ئاستا ئاستا بۇ ئارگېنتىنالىق چولپان سەۋەبلىك پۇتبولغا مەستانە بولدى.

پېلىنى بىرازىلىيە پۇتبولچىلىقىدا چاقنىغان يۇلتۇز دېيىلسە، ئۇنداقتا مارادونا دەل ئارگېنتىنا پۇتبولچىلىقىدىكى يادرو ۋە يولباشچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىدىكى 11 توپچىنىڭ ھۇجۇم تاكتىكىسى دەل مارادونانى مەركەز قىلىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇ بولمىسا پۈتۈن ئارگېنتىنا كوماندىسى «پالەچ» ھالەتكە چۈشۈپ قالاتتى. ئەگەردە پېللى باشچىلىقىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسى ئېرىشكەن دۇنيا لوڭقىسىدا ئېرىشكەن شان-شەرەپلەر پۈتۈن كوماندا ئەزالىرىنىڭ كۈچىدىن دەپ قارىساق، ئارگېنتىنا كوماندىسى ئېرىشكەن دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ئېنىقلا بۇ «تەنھا قەھرىمان»غا، يەنى مارادوناغا تەۋە ئىدى.

1986-يىلى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولۇپ، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى مارادونانىڭ تەسىر كۈچى بىلەن باشقا چولپانلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتالمىغان، ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى گېرمانىيە كوماندىسى ئەزالىرى ياكى گوللاندىيە كوماندىسى ئەزالىرىمۇ ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن، چۈنكى قۇياش چىققاندا يۇلتۇزلارنى كۆرگىلى بولمىغاندەك. چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى ئېنگلاند كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، بۇ ئادەتتىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئەمەس، چۈنكى بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇن ئىككى دۆلەت ئۇرۇش قىلىپ ئەنگلىيە غەلىبە قىلغان، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن مارادونا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە «ئارگېنتىنا ئۈچۈن» دېگەن نۇقتىنى مەركەز قىلىپ سەپداشلىرىنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتقان.

مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى كوماندا كەسكىن تىركەشكەن، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھېچقايسى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىگەن، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مارادونا كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ نادىر توپنى كىرگۈزگەن، ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقىغا ئوخشاش يۇقىرى تېخنىكا بولمىغان بولغاچقا، رېپىر بۇ توپنىڭ مارادونانىڭ قولىغا تەگكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلمىگەن. ئەينى ۋاقىتتا مارادونا بۇ توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن سەپداشلىرىنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىپ بىرلىكتە تەبرىكلىشىنى ساقلىغان، لېكىن سەپداشلىرى بۇ توپنى چوقۇملا قول توپ بولدى دەپ قاراپ مارادونانىڭ قېشىغا كەلمىگەن. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مارادونا چاقچاق قىلىپ: «بۇ توپنى كىرگۈزۈشتىكى يېرىم تۆھپە بېشىمغا، يەنە يېرىمى بولسا قولۇمغا تەۋە!» دېگەن. مانا بۇ مارادونانىڭ خاراكتىرى، ئۇ ھەقىقەتەن بىر تالانت ئىگىسى.

مۇسابىقە داۋاملىشىپ قىسقىغىنا تۆت مىنۇتتىن كېيىن مارادونا كەسپىي ھاياتىدىكى يەنە بىر نادىر دەقىقىنى ياراتقان. يەنى مارادونا ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئارقا-ئارقىدىن بەش توپچىنى ئالداپ ئۆتۈپ توپ كىرگۈزگەن، بۇ توپ كېيىنچە 20-ئەسىردىكى ئەڭ نادىر توپ بولۇپ باھالانغان.

ئېنگلاند كوماندىسىنى شاللىغاندىن كېيىن مارادونا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يەنە ئىككى توپ كىرگۈزگەن، ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بولسا بىر قېتىم ياردەمچى پاس بېرىش بىلەن غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشقان. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا مارادونا بەش توپ كىرگۈزۈش ۋە بەش قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك قالتىس نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ كوماندىنى باشلاپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. پۇتبول دۇنياسىدىكى كەسكىن «جەڭ»لەردە قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقان مارادونا كېيىن ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ «قەھرىمانى»غا ئايلانغان.

كۇلۇبتىكى كەسپىي ھاياتىدا مارادونا ئوخشاشلا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان. 1984-يىلى ئۇ پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش ھەققى بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ناپولىغا قوشۇلغان، ئەينى ۋاقىتتا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى باشقا كوماندىلار مەسخىرە ئارىلاش ھالدا: «دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت توپچى دۇنيادىكى ئەڭ نامرات شەھەرگە كەلدى!» دېيىشكەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ بىرى بولۇپ، مىلان قاتارلىق كوماندىلار بىرلەشمىنىڭ غوجىسى ئىدى، ئەينى ۋاقىتتىكى ناپولى تېخى ئانچە ئالقىشقا ئېرىشەلمىگەن كوماندا ئىدى. ئېنىقىنى ئېيتقاندا، مارادونا كوماندىغا قوشۇلغان ۋاقىتتا ناپولى دەرىجە ساقلاش ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان ئىدى.

دەل مۇشۇ جايدا مارادونا كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، بۇ جەرياندا ئۇ ناپولى بىلەن بىرگە ئىككى قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىتالىيە لوڭقىسى، ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاتارلىق چېمپىيونلۇقلارغا ئېرىشتى، يەنى ناپولىنىڭ شۇ ۋاقىتقا قەدەر 100 يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى.

مارادونا ئۈستىدە تالاش تارتىشمۇ ئاز ئەمەس. مۇسابىقە مەيدانىدا بىر مۇكەممەل توپچى دەپ قارالغان مارادونا ھەقىقەتەن ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ پەخىرى. لېكىن ئۇ مۇسابىقە مەيدانىدىن ئايرىلسا قىمار، زەھەر ۋە باشلا ناچار ئىشلار بىلەن باغلىنىپ قالىغان بولسىمۇ، شۇنداقتىمۇ ئارگېنتىنالىقلار ئۇنى ئوخشاشلا ياخشى كۆرەتتى.

مارادونانىڭ زادى قاچاندىن باشقال زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقى تازا ئېنىق ئەمەس، لېكىن ئۇ ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ناپولىغا قوشۇلغاندىن باشلاپلا قارا گۇرۇھ بىلەن باغلىنىپ قالغان، ئىگىلىنىشچە شۇ جايدىكى قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىۋاشلىرى مارادونانى كۆپ مىقداردىكى كوكايىن بىلەن تەمىنلىگەن، مارادونا بولسا ئۇلار ئۈچۈن پەقەت سودا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ «كەيپىياتنى كۆتۈرۈش»كە ياردەم قىلغان. كېيىن ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئىزچىل ناچارلىشىشقا باشلىغان.

1991-يىلى مارادونا ئىتالىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشتە زەھەر چەككەنلىكى ئېنىقلىنىپ 15 ئاي مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ناپولىدىن ئايرىلغان، كەسپىي ھاياتى كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم قويغان.

1994-يىلى ئاللىقاچان 33 ياشقا كىرگەن مارادونا كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دۇنيا دۇنيا لوڭقىسىنى كۈتۈۋالغان، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن مارادونا قايتىدىن مەشىق قىلىشقا باشلىغان، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى 16 كىلوگرام تۆۋەنلەتكەن ۋە ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتىشقا بەل باغلىغان. گىرىتسىيە كوماندىسى بىلەن بولغان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇ بىر توپ كىرگۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەسلىمىسىنى «قايتا قوزغاتقان». لېكىن بۇ مارادونانىڭ ئەڭ ئاخىرقى نادىر دەقىقىسى بولۇپ قالغان، چۈنكى مۇسابىقىدىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتە مارادونانىڭ روھلاندۇرۇش دورىسى ئۇرغۇزغانلىقى ئاشكارىلىنىپ يەنە بىر قېتىم مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن، بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىم مارادونا ئارگېنتىناغا قايتىپ بوكا ياشلىرى كوماندىسىدا كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىنى ئۆتكۈزگەن.

جەنۇبىي ئامېرىكىغا بېرىپ باقمىسىڭىز، ئۇلارنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايسىز، ئەگەر ئارگېنتىناغا بېرىپ باقمىسىڭىز، ئۇلارنىڭ مارادونانى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز! توغرا، ئارگېنتىنا خەلقى ھەقىقەتەن مارادوناغا چوقۇناتتى.

2020-يىلىنى ئەسلەيدىغان بولساق، بۇ يىل ھەممەيلەن ئۈچۈن چوڭقۇر ئازاب ۋە ئەنسىزلىككە تولغان بىر يىل بولدى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان داڭلىق چولپانلار، رىۋايەتلىك شەخىسلەر بىز بىلەن خوشلاشتى.

بۇنىڭدىن ئون ئاي بۇرۇن، يەنى بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر (ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى)دە، NBA تارىخىدىكى گىگانىت چولپان كوبى تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىدە بەختكە قارشى قازا قىلدى، ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياشلىق باھارىغا ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان بۇ توپچى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىزدىن خوشلاشتى ۋە ۋاسكېتبول دۇنياسىدا مەڭگۈلۈك رىۋايەتكە ئايلاندى. بۇ 2020-يىلى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئازابلىق كۈنلەرنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ۋاسكېتبولغا مەستانە بولىشىغا سەۋەب بولغان كوبىنىڭ ۋاپات بولىشى ھەممەيلەننى ئازابلىدى، چۈنكى قەلبىمىزدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر شەخىس كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىز بىلەن خوشلاشتى.

كوبى 20 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا كۆل ئادىمى كوماندىسىنى باشلاپ جەمئىي 15 قېتىم پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە قاتناشقان، بۇ جەرياندا ئۇ ئونېل بىلەن ھەمكارلىشىپ دەۋران سۈرگەن، گاسول بىلەن بىرلىشىپ شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان، شۇنداقلا كوماندىنىڭ بىردىنبىر ئاتامانى بولۇپمۇ باققان. جەمئىي 220 مەيدان پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25.6 نومۇر، 5.1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىش ۋە 4.7 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مارۋېل دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان كىنوسى «قارا قاپلان» (黑豹)نىڭ باش رولچىسى چادۋىك بوسمەن 43 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلدى، بۇ خەۋەر پۈتۈن دۇنيادىكى كىنو مەستانىلىرى، مارۋېل مەستانىلىرى ۋە «قارا قاپلان» مەستانىلىرىنى قايغۇغا چۆمدۈردى.

ھىندىستاننىڭ قەدىردان، تالانتلىق ئارتىسى ئىرفان خان 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بومبايدا 53 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىرفان خان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتقان، ئۆسمە كېسىلى ئاخىرى ئۇنى ئېلىپ كەتتى. ئىرفان خان تېخى ۋاپاتىدىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇنلا 95 ياشلىق ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى مەشھۇر سەنئەتكار، ئاتاقلىق كومپوزىتور مەھمۇت سۇلايمان ئەپەندىنىڭ كېسەل سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتكەنلىك ئۇچۇرى تارقالدى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قايغۇردى.

دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى رىۋايەتلىك چولپان، بىر ئەۋلاد «پۇتبول شاھى» مارادونا بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى (شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە) يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ 60 يېشىدا ۋاپات بولدى.

ھەممەيلەن 2020-يىلىنىڭ تېزرەك ئاخىرلىشىشىغا تەقەززا بولماقا، چۈنكى بىز بۇ بىر يىلدا كۆپلىگەن نەرسىلەردىن ئايرىلدۇق، يوقاتتۇق، بۇ ئاللىقاچان يىتەرلىك بولدى، ھېلىمۇ ياخشى بۇ يىل ئاخىرلىشىشقا يەنە بىر ئاي ۋاقىت قالدى، قانداقلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر يېڭى بىر يىل، يېڭىچە ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلىدۇ!

كېتىپ قالغانلاردىن كىمگە ئەڭ چىدىمىدىڭىز؟ كىمنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى سىزنى ئەڭ ئازاپلىدى؟


分享到: