|
پۇتبول دۇنياسىدىكى 2020-يىلىدىكى 10 چوڭ ۋەقەگە نەزەر發表時間:2020-11-27 00:48來源:جىبوبا تورى 2020-يىلى ئاخىرلىشىشقا بىر ئايدىن كۆپلا ۋاقىت قالدى، بۇ يىل ئاجايىپ غەلىتە بىر يىل بولدى، 2020-يىلى يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ، ئۇنداقتا بىز 2020-يىلى پۇتبول دۇنياسىدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەرنى كۆرۈپ باقايلى. 1: يۇقۇم ھەممە يەرنى قاپلىدى، ياۋروپادىكى مۇسابىقىلەر ۋاقتىنچى توختىتىلدى 2020-يىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئەۋج ئالدى، 2-ئايغا كەلگەندە يۇقۇم ياۋروپادا تېز تارقالدى. 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياۋروپادىكى نۇرغۇن كىشىلەر يۇقۇملاندى، نەتىجىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى. ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەر دېگۈدەك شەھەرلەرنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە بارلىق سىرتقا چىقىش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ياۋروپادىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا «قۇلۇپلىنىش» ھالىتىگە كىردى. ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مۇسابىقىلەرنى ۋاقتىنچە توختاتتى، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ياۋروپا مۇسابىقىلىرى ۋاقتىنچە توختىتىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسابىقىنىڭ توختىتىلىشىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، نۇرغۇن كوماندىلار ۋەيران بولۇشقا ئاز قالدى، نۇرغۇن توپچىلار ۋە پۇتبول چولپانلىرى ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولدى. بۇ مەزگىلدە ھەرقايسى دۆلەت پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ھەر ئىككىسى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى بىلەن پۇتبول سودا مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدا قاتمال ھالەتتە چۈشۈپ قىلىپ، ئاساسەن دېگۈدەك نەچچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتتى. ئاخىرىدا ، 5-ئاينىڭ 17-كۈنى گېرمانىيە بىرلەشمىسى بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاچقا، باشلامچىلىق بىلەن بىرلەشمىنى قايتا باشلاشنى قارار قىلدى، ھەمدە ياۋروپادىكى تۇنجى بولۇپ مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن چوڭ بىرلەشمە بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن گوللاندىيە ۋە فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىنى بالدۇر ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياۋروپادىكى باشقا بىرلەشمىلەر قايتىدىن باشلاندى. مۇشۇ پەيتتىن بۈگۈنگە قەدەر، ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەر يەنىلا قۇرۇق مەيدانلاردا ئوينىلىۋاتىدۇ، ھېچقانداق توپ مەستانىلىرى كىرەلمەيدۇ. مۇسابىقە قايتا باشلانغاندىن كېيىن ۋاقىت قىس بولغاچقا، بەش چوڭ بىرلەشمە ناھايىتى تېزلا چېمپىيونلۇقنى قارار قىلدى (مۇسابىقىنى زىچ ئورۇنلاشتۇردى). بۇ كېيىن نۇرغۇن توپچىلارنىڭ ھارغىنلىق ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا سەۋەب بولدى. 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى باشلىنىش بىلەن مۇسابىقىلەر يەنىلا زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا، توپچىلار بۇنداق كۆپ مۇسابىقىگە بەرداشلىق بېرەلمەي يارىلاندى، ھەتتا بۇ پەسىلنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇردى. ياۋروپا مۇسابىقىلىرىمۇ ئىلگىرىكى ساھىبخان ۋە مېھمان مەيدان مۇسابىقىسىنى بىتەرەپ مەيدانىدا بىر مەيداندىلا ئاخىرلاشتۇردى، شاللاش باسقۇچىدىكى بارلىق مۇسابىقىلەر بىر مەيدان مۇسابىقە نەتىجىسى بىلەن ئايرىلدى. 2. مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش بوران-چاپقۇنى مېسسى 17 يىلدىن بۇيان بارسېلونانىڭ بىرىنچى كوماندىسىدا توپ تەپمەكتە، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارسېلونانىڭ نەتىجىسى تۆۋەنلەپ، قوشۇۋالغان توپچىلار كۈچ بەرمىدى، بولۇپمۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە، كۆپ ساندىكى ھالقىلىق پەيتلەردە باشقا كوماندىلار بارسېلونادىن تەتۈر ئاشتى ياكى بارسېلونانى قىرغىن قىلدى. ئالدىنقى پەسىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بارسېلونا ۋالۋېردنى ئىشتىن بوشىتىپ ئورنىغا سېتىئېننى ئالماشتۇردى، ئەمما سېتىئېن بارسېلونادىكى مەسىلىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى، ھەتتا يۇقۇم ۋاقتىغا دۇچ كېلىپ قالدى. مۇسابىقە ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، خانلىق مادرىد بارسېلونادىن ئېشىپ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە بولسا، بايرېن مىيۇنخېن 8-2 نەتىجىدە بارسېلونانى قىرغىن قىلدى. بۇ بارسېلونادىكى ئىچكى مالىمانچىلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ئىشلار توپچىلار ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ بارسېلونا رەئىسى بارتومېئۇ ۋە كوماندىنىڭ بىرلەشمىدىكى نەتىجىسىدىكى نارازىلىق دەپ قارالغان، ئەمما بايرېن مىيۇنخېن تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، بۇ ۋەقە بىۋاسىتە كوماندىنىڭ قايتا تەشكىللىنىشىنىڭ بورىنىغا ئايلاندى. كېيىن بارسېلونا سېتىئېننى بىۋاسىتە ئىشتىن بوشىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى ترېنېر كوماننى ئالماشتۇردى. نەتىجىدە كومان كوماندىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇپ، كوماندىنىڭ قايتا تەشكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. مېسسىدىن باشقا نۇرغۇنلىغان پېشقەدەم توپچىلار كوماندىدىن ئايرىلىشى، شۇنداقلا كوماننىڭ ۋاستىسى بەك قوپال بولغاچقا مېسسىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مېسسى كومان بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئەركىن توپچى كوماندىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى. مېسسىنىڭ ئايرىلىشى دەرھال ياۋروپادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى، ئەمما بارسېلونانىڭ خىيالى مېسسىنى رازى قىلىش ئەمەس، بەلكى ئەركىن توپچى سالاھىتىدە كوماندىدىن ئايرىلىشنى توسۇشقا ئايلاندى، شۇڭا ئەركىن توپچى بولۇپ كوماندىدىن ئايرىلىشى ۋاقتى 6-ئاي ئىكەنلىكىنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن مېسسى كوماندىدىن ئايرىلىشنى 8-ئايدا تەلەپ قىلغان، شۇڭا بارسېلونا توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسى ئۈچۈن 700 مىليون ياۋرو تۆلەشنى تەلەپ قىلدى. مېسسىنىڭ قارىشىچە، يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا بۇ ۋەقەنى كېچىكتۈرۈش كېرەك ئىدى، چۈنكى مېسسى 2019/2020 مۇسابىقە پەسلىدىكى بارلىق مۇسابىقىلەرنى تاماملىغان. ئىككى تەرەپ سۆھبىتى قاتمال ھالەتتە تۇرۇپ سوتقا ئەرز قىلىش دەرىجىسىگە يەتتى، لېكىن ئاخىرىدا مېسسى يەنىلا ئەرز قىلىشتىن ۋاز كېچىپ بارسېلونادا يەنە بىر يىل قېلىشنى قارار قىلدى، شۇڭا بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بارسېلونادىن ئايرىلىدۇ، ھەرگىزمۇ بارسېلونادا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرمايدۇ. 3. ياۋروپا لوڭقىسى بىر يىل كېچىكتۈرۈلدى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى 4-ئايدا يۇقىرى پەللىگە يەتكەچكە، ئەسلى 2020-يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسى 2021-يىلى 6-ئايغا كېچىكتۈرۈلدى. بۇ قارار قارىماققا قوبۇل قىلىنغاندەك كۆرىنسىمۇ، ئەمما تەسىر كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولدى. ئالدى بىلەن، مۇسابىقە ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا، بۇ يىل مۇسابىقە ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ھەرقايسى مۇسابىقىلەر 8-ئايدا ئاخىرلاشتى، لېكىن توپچىلار يېتەرلىك ئارام ئالماي تۇرۇپلا 2020/2021 پەسىللىك مۇسابىقىلەر باشلاندى، ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلىپ بولغاچقا، بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ ۋاقتى قىسقىرايدۇ، شۇڭا 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى كېچىكىپ باشلىنىشى ۋە چوقۇم بالدۇر ئاخىرلىشىشى كېرەك. قانداقلا بولمىسۇن بېكىتىلگەن سودا مەنپەئەتى ئۈچۈن، بىرلەشمە ياكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مەنپەئەتتىن ۋاز كېچەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ھازىرقى ياۋروپا پۇتبول مۇسابىقىلىرى ھەپتىدە قوش مۇسابىقە ھالىتىنى شەكىللەندۈردى، بۇ ھالەت بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقىچە داۋاملىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل چوڭ مۇسابىقىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئەمما بۈگۈنكى تەنتەربىيە كەسپى سودا مەنپەئەتى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك، پايدىسى بەك چوڭ بولۇپ، 2021-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى توپچىلار ئويناشنى خالىمايدىغان ئەمما ئويناشقا تېگىشلىك چوڭ مۇسابىقىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. 4. بارسېلونا رەئىسى بارتومېئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشى مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىدىكى بوران-چاپقۇندىن كېيىن، بارسېلونا مۇدىرىيىتى ئاخىرى مەستانىلەرنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە بىنائەن بارتومېئۇنى ئەيىبلەش ئۈچۈن بېلەت تاشلاشقا تەييارلىق قىلدى، بارتومېئۇ ئاخىرىغىچە ھەر خىل ئاماللار بىلەن ئۇنى توسماقچى بولدى، لېكىن بېلەت تاشلاش داۋاملاشتى، ئاخىرىدا ئۇ بېلەت تاشلاشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بارتومېئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئۇلۇغۋار غايىلىك رەئىس ئىدى، ئۇ يەنە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ داڭلىق توپچىلارنى قوشۇۋالدى، لېكىن ئۇ داڭلىق توپچىلارغا ھەددىدىن زىيادە ھەۋەس قىلغاچقا، دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار بولسىلا بارسېلونا پۇل خەجلەپ ئۇلارنى سېتىۋالاتتى. كېيىن كۆپ ساندىكى توپچىلار كوماندىغا ماسلىشالمىدى، ئۇلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا قوشۇلۇپ، يېشى چوڭلاپ قالغان مۇداپىئە سېپى ۋە ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىمۇبارسېلونانىڭئەھۋالىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇردى. بارتومېنىڭ توپچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ توپچىلارنى نارازى بولدى. يۇقۇم مەزگىلىدە بارسېلونا قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن توپچىلارنىڭ مائاشىنى قىسقارتىشىنى ئۈمىد قىلدى، ئەمما قەستەن توپچىلارنىڭ بەك ئاچكۆز ئىكەنلىكىنى ۋە مائاشىنى قىسقارتىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ ۋەقە مېسسى باشچىلىقىدىكى بارسېلونا توپچىلىرىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى، كوماندىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغاندىن كېيىن، مېسسى چوڭ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن كوماندىدىن ئايرىلماقچى بولدى. بارتومېئو بارسېلونانىڭ رەئىسى بولغان ئۆتكەن يەتتە يىلدا بارسېلونا ئىلگىرىلىيەلمىدى، شۇنداقلا قايتا تەشكىللەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بىر قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى ۋە تۆت قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سابىق رەئىس قالدۇرۇپ قويغان نەتىجە، ئاخىرىدا بارلىق مەستانىلەر، توپچىلار، ھەتتا مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئۇنىڭدىن نارازى بولغاندا، ئۇ ئۆزى ئىستىپا بەردى، ھەمدە بۇنىڭ بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە ئىستىپا بەرگەن يۈزى يوق رەئىس بولۇپ قالدى. 5. بايرېن مىيۇنخېن بەش شاھلىققا ئېرىشتى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى بايرېن مىيۇنخېن نەچچە ترېنېر ئىشلەتتى، مۇسابىقە يېڭى باشلانغاندا كوۋاچنى باش ترېنېر قىلىپ ئىشلەتتى، ئەمما كوۋاچ يەنىلا كوماندىنى ياخشى يېتەكلىيەلمىدى، بايرېن مىيۇنخېن روببېن بىلەن رىبېرى كوماندىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئېغىر دەرىجىدىكى ناچارلىشىشقا دۇچ كەلدى، بۇنىڭغا كوۋاچنىڭ مۇللېر ۋە بوئاتېڭ قاتارلىق پېشقەدەم توپچىلارنى ئىشلىتىشنى خالىماسلىقى بىلەن بايرېن مىينخېن بىرلەشمە سەركىلىكىنى دورتموندقا تارتقۇزۇپ قويدى، ھەتتا چوڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. كېيىن بايرېن مىيۇنخېن كوۋاچنى ئىشتىن بوشىتىپ فلىكنى ترېنېر قىلدى، شۇنىڭ بىلەن كوماندىنىڭ نەتىجىسىدە ياخشىلىنىش بولۇپ ئۇدا سەككىزئىنچى قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. فلىك ترېنېر بولغاندىن كېيىن چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئىپادىسىمۇ تۇراقلاشتى، مۇسابىقە ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن يېتەرلىك ئارام ئالغان بايرېن مىيۇنخېن قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، شاللاش باسقۇچىدىكى تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى گېرمانىيە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 4-2 نەتىجىدە لېۋېركۇسېننى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا، 2-1 نەتىجىدە سېۋىللانى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا، 3-2 نەتىجىدە دورتمۇندنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، بىر يىل ئىچىدە بەش شاھلىقنى قولغا كەلتۈردى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەسلى 12-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى يۇقۇم سەۋەبىدىن كېلەر يىلىغا كېچىكتۈرۈلگەچكە، بايرېن مىيۇنخېن بىر يىل ئىچىدە ئالتە شاھلىقنى ھەممىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى. 6. لىۋېرپول 30 يىلدىن كېيىن ئېنگلاند يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى 30 يىل ئۇزۇن ۋاقىت، ئۇ لىۋېرپول مەستانىلىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئۇزۇن ساقلاش، لىۋېرپولنىڭ ئالدىنقى قېتىم ئېنگلاند يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن ۋاقتى 1989/1990مۇسابىقە پەسلى بولۇپ، بۇنىڭغا ئاللىقاچان 30 يىل بولغان، ئەينى ۋاقىتتا ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى ئەمەس بەلكى ئېنگلاند ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ئىدى، لىۋېرپول شۇ يىلى «قىزىل قوشۇن خاندانلىقى»نى قۇرغان، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 70-80-يىللاردا لىۋېرپول ئېنگلاند پۇتبولچىلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئەمما خېسبۇرگ پاجىئەسىدىن كېيىن، لىۋېرپول پىشكەللىككە پېتىپ قالغاندەك قىلاتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئەزەلدىن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ باقمىغان. ئۆتكەن 30 يىلدا، ئېنگلاند پۇتبولچىلىقى مانچېستېر بىرلەشمىسى «خاندانلىقى» ۋە لوندون كوماندىلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى باشتىن كەچۈردى، لىۋېرپول ئىلگىرىكى ھۆكۈمدار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆتكەن 30 يىلدا پەقەت رەت تەرتىپكە ھەمراھ بولدى. 2000-يىلدىن كېيىن لىۋېرپول قايتىدىن جانلىنىپ رىقابەت كۈچىگە تولدى، بېنىتېز يېتەكلىگەن لىۋېرپول كاپىتان جېرراد ۋە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ ئىپادىسى ئاستىدا، 2005-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، ئەمما ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋە چېلسى تەرىپىدىن بىر نەچچە قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولدىن بېرىپ قويدى. 2015-يىلى كلوپ ترېنېر بولغاندىن كېيىن، لىۋېرپول قايتىدىن ھاياتى كۈچكە تولدى، لېكىن 2017-2018 پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تەلىيى كاج كېلىپ خانلىق مادرىدقا ئۇتتۇرۇپ قويدى. بىر پەسىلدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلەنگەن لىۋېرپول قوش شاھلىققا ئېرىشىش نىسبىتى يۇقىرى كوماندا دەپ قارالدى، لېكىن ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 97 نومۇر بىلەن ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ، بىرلەشمە تارىخىدا ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئىككىنچى بولغان كوماندىغا ئايلاندى، لېكىن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى، شۇنداقلا ئەنفېلد مەيدانىدا بارسېلونادىن تەتۈر ئاشتى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توتتېنھامنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. 2019-2020 مۇسابىقە پەسلى لىۋېرپول ھەممىنى قايتىدىن باشلىدى، شۇنداقلا قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى، مانچېستېر شەھىرىمۇ ھالقىلىق ۋاقىتتا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ لىۋېرپولدىن 15 نومۇر كەينىدە قالدى، ئالدىنقى پەسىلدە بىر نومۇر پەرىقىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن لىۋېرپول مۇسابىقە ئەسلىگە كەلگەندىن كيېنكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن، 30 يىلدىن كېيىن قايتىدىن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدا مۇددەتتىن بۇرۇن چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. 7. بايرېن مىيۇنخېن 8-2 نەتىجىدە بارسېلونانى قىرغىن قىلدى ھەممە يەرنى يۇقۇم خەۋىرى قاپلىغان ئاشۇ ۋاقىتلاردا، بايرېن مىيۇنخېننىڭ بارسېلونانى قىرغىن قىلىشى بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ تېمىغا ئايلاندى. بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ياۋروپا مۇسابىقىلىرىمۇ ئەسلىگە كەلدى، 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى سەككىز كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە، بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى خانلىق مادرىدقا تارتقۇزۇپ قويغان بارسېلونا ئىپادىسى قالتىس بولىۋاتقان بايرېن مىيۇنخېن بىلەن مۇسابىقىلەشتى. شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېن بارسېلونانى پۈتۈنلەي بىچىت قىلدى، گەرچە ئالابا بىر «خائىن توپ»، سۇئارېز بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن بايرېن مىيۇنخېن سەككىز توپ كىرگۈزۈپ 8-2 نەتىجىدە بارسېلونانى قىرغىن قىلدى، بارسېلونامۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تاق مەيدان مۇسابىقىسىدە سەككىز توپ كەتكۈزۈشتەك تارىخى نۇمۇسلۇق نەتىجە ياراتتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى بارسېلونا مەستانىلىرى ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇسىز ئازاپلىق نەتىجە، لېكىن ئەمەلىيەتكە يۈزلەنمەي ئامال يوق، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەستانىلەر مېسسىنىڭ ئازاپلىنىپ بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالىتىغا ئىچ ئاغرىتتى، لېكىن بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى بارسېلونانى قايتا قۇرۇش، بارتومېئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشى ۋە مېسسىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلامقچى بولىشى قاتارلىق ئىشلارغا تۈرتكە بولدى. 8. سېۋىللا ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى «شاھى» دېگەن نامغا ئېرىشتى 2006، 2007، 2014، 2015، 2016 ۋە 2020-يىللىرى سېۋىللا ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا 15 يىل ئىچىدە ئالتە قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى «شاھى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. بۇ يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى سېۋىللاغا نىسبەتەن ئەڭ قىيىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۇلار ھەل قىلغۇچتا كۈچلۈك رەقىبى خەلقئارا مىلان بىلەن مۇسابىقىلەشتى، لېكىن سېۋىللا نەچچە يىللىق تەجرىبە ۋە پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىش ئارقىلىق رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. 9. رونالدىنھونىڭ تۈرمىگە كىرىشى شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، رونالدىنھو ساختا پاسپورت بىلەن پاراگۋايغا يېتىپ بارغاندا بايقىلىپ قېلىپ، تۈرمىگە قامالدى. رونالدىنھو ئەسلىدە خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشماقچى ئىدى، ئەمما ساختا پاسپورت ئىشلەتكەنلىكى بايقىلىپ قولغا ئېلىنغان. بۇ ۋەقەدىكى قىزىقارلىق يېرى شۇكى، رونالدىنھونىڭ ساختا پاسپورت بىلەن چىگرىدىن كىرگەنلىكى، چۈنكى تاموژنا خادىمى تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا ئۇنىڭ ساختا پاسپورت بىلەن دۆلەتكە كىرگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ ئەلۋەتتە، مۇھىمى رونالدىنھونى پاراگۋايغا تەكلىپ قىلغان باي ئايال سودىگەر لوپېز ئەمەلىيەتتە زەھەرلىك چېكىملىكۋە پۇل يۇيۇشقا قاتناشقان. پاراگۋاي ساقچىلىرى ئۇنى تەكشۈرمەكچى بولغان، شۇڭا رونالدىنھونى بىر چوڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىغا چىتىشلىق دەپ قارىغان. گەرچە ئۇلار رونالدىنھونىڭ ئادەتتە مەسىلىسى يوقلىقىنى بىلسىمۇ، ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن رونالدىنھو چوقۇم شۇ يەردە قېلىپ ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشى كېرەك، بولۇپمۇ ساختا پاسپورتى بايقالغان ۋە ئاشكارىلانغانلىقتىن ئۇ چوقۇم تەرتىپ بويىچە مېڭىشى كېرەك، شۇڭا رونالدىنھوغا 32 كۈن تۈرمىدە يېتىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. لېكىن ئۇ تۈرمىدە 32 كۈننى خىكى ياخشى ئۆتكۈزدى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن يەنە پۇل يۇيۇش جىنايىتى بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغاچقا، ئۆيىدىنمۇ سىرىتقا چىقالمىدى، ئاخىرىدا گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ، تۆت ئايدىن كېيىن يۇرتى بىرازىلىيەگە قايتتى. 10. مارادونانىڭ ۋاپات بولۇشى بىر ئەۋلاد «پۇتبول شاھى» مارادونا بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ 60 يېشىدا ۋاپات بولدى. مارادونا كەسپىي ھاياتىدا بوكا ياشلار، بارسېلونا، ناپولى، سېۋىللا ۋە نېۋېل قېرى يىگىتلەر كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تەپكەن، 1997-يىلى بوكا ياشلار كوماندىسىدا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. مارادونا كۇلۇبتىكى كەسپىي ھاياتىدا 589 مەيدان مۇسابىقىدە 307 توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. مارادونا ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 91 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 34 توپ كىرگۈزگەن، شۇنداقلا 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 1990-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بولسا ھەل قىلغۇچقا كىرگەن. مارادونانىڭ ۋاپاتى پۇتبول دۇنياسى ئۈچۈن چوڭ يوقۇتۇش، بىر رىۋايەت بىزدىن ئايرىلدى، پۈتۈن دۇنيادىكى پۇتبول مەستانىلىرى ۋە مارادونانى تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئازاپلاندى، بۈگۈن پۇتبول مەستانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئېچىنىشلىق بىر كۈن. |
|