|
رونالدو بىلەن مېسسى ساھىبخان مەيداندا 70 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىسى بىلەن تارىختا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ發表時間:2020-11-27 00:56來源:سىنا تورى نوپۇزلۇق پۇتبول سانلىق مەلۇمات تورى «Opta» تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كرىستىيانو رونالدونىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ساھىبخان مەيداندا كىرگۈزگەن توپ سانى 70 توپقا يەتكەن، بۇ ياراتقان سانلىق مەلۇماتى بىلەن رونالدو مېسسىنىڭ رېكورتى بىلەن تەڭلىشىپ، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. تۈنۈگۈن سەھەر يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا فېرېنسۋاروسى بىلەن ئوينىغان چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە رونالدو ئالدىنقى يېرىم مەيداندا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈرگەن بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. «Opta» تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ توپ رونالدو كەسپىي ھاياتىدا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ساھىبخان مەيداندا كىرگۈزگەن 70-توپى ئىكەن، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا بۇ رېكورتنى ساقلاپ كېلىۋاتقان توپچى بارسېلونا كاپىتانى مېسسى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئىككى توپچى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ساھىبخان مەيداندا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. نۆۋەتتە، مېسسى بىلەن رونالدو ساھىبخان مەيداندا ئوينىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرىدە 70 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىسى بىلەن چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، بۇنىڭدىن كېيىنكى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرىدە، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا كىيېۋ دىنامو بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، بارسېلونا بولسا ساھىبخان مەيدانى نوكەمپو توپ مەيدانىدا يۇۋېنتۇس بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. يۇقارقىلاردىن باشقا مېسسى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئوخشاشمىغان 36 كوماندىغا توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىسى بىلەن تارىختا بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، كرىستىيانو رونالدو بولسا 34 ئوخشاشمىغان كوماندىلارغا توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىسى بىلەن بۇ رەت تەرتىپتە مېسسىنىڭ كەينىگە تىزىلىپ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. |
|