|
مانا iPhone 13 كەلدى، ئۆزگىرىش بەك چوڭكەن發表時間:2020-11-27 01:07來源:بەيدۇ ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر iPhone 12 سېتىۋالدى، گەرچە بۇ يىلقى iPhone12دە ھەقىقەتەن ئانچە چوڭ يارقىن نۇقتا بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشىنى توسۇپ قالالمىدى، سېتىلىش مىقدارى يەنىلا يامان ئەمەس، ھەتتا تالىشىپمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇ يىلقى iPhone 12 ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇنى تاشقى كۆرۈنۈشىنى كىچىككىنە ئۆزگەرگەن، ئۆزەكنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن، 5G تورنى قوللايدىغان iPhone 11 دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا iPhone 13دىن ئۈمىد كۈتۈشكە باشلىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ۋاڭ شۇيى ئىلگىرى: «iPhone 13 تېخىمۇ قالتىس، ئازىراق ساقلاپ تۇرساڭلار زىيان تارتمايسىلەر» دېگەنىدى. بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز دەل iPhone 13، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزگىرىشمۇ خېلىلا چوڭ. ئەگەر سىز يانفون ئىشلەپچىقىرىشقا نىسبەتەن خېلى كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولسىڭىز، بىر يېڭى يانفوننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش دەۋرىنىڭ تەخمىنەن 6-12 ئاي بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا كۆپ ھاللاردا، بىز يېڭى يانفون سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات باسقۇچىغا كىرىدۇ. ھەتتا مۇنداق ئەھۋاللارمۇ بار: نۆۋەتتىكى يانفون تېخى رەسمىي سېتىلماي تۇرۇپلا، زاۋۇتلار كېيىنكى ئەۋلاد مەھسۇلاتلارنىڭ ID لايىھەسى، سەپلىمە تاللىشى قاتارلىقلارنى پىلانلاشقا باشلايدۇ. شۇڭا ھازىر iPhone 13كە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرمۇ خېلىلا بار، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس، نۇرغۇن تەمىنلەش زەنجىرى ياكى ئىچكى قىسىمدىكى كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەنىلا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار بار ئىكەن. ئالدى بىلەن سىرتقى كۆرۈنۈشنى دېيىشەيلى. iPhone 13 يانفونى بۇ قېتىم يەنىلا iPhone 12گە ئىشلىتىلگەن تۈز رامكا لايىھەسىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ، شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭلاي چاچ لايىھەسى يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ. بىراق چەتئەل تاراتقۇسى 9TechElevenنىڭ بىلدۈرۈشىچە: كوچا خەۋەرلىرىدە ئالما شىركىتى بۇ قېتىم iPhoneنى ئېغىزسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، يەنى زەرەتلەش ئېغىزىنى بىكار قىلىپ، سىمسىز زەرەتلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، دېيىلگەن. ئەمەلىيەتتە مەيلى AirPods ياكى MagSafe ماگنىتلىق سىمسىز زەرەتلەش تېخنىكىسى بولسۇن، بىز ئالمىنىڭ چوقۇم سىمسىز مەھسۇلات يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەمما ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى، سىمسىز زەرەتلەشنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغىلى بولامدۇ يوق؟ قانداقلا بولمىسۇن ھېچكىممۇ يانفونىنى زەرەتلىگەندە ھەر قېتىم ئىككى سائەت قويۇپ قويۇشنى خالىمايدۇ. ئەگەر ئالما ھەقىقەتەن زەرەتلەش ئېغىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم سىمسىز زەرەتلەش قۇۋۋىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش قىلىشى كېرەك. 65Wنى دېمەي تۇرايلى، ئەگەر سىمسىز زەرەتلەش قۇۋۋىتىنى 30Wغا چىقارغىلى بولسا شۇنىڭغا كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتۇق. ئىككىنچىسى ئېكران. ھەممىمىزگە مەلۇم، يۇقىرى يېڭىلاش نىسبىتى ئاساسلىق تېما بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، iPhone 12گە يەنىلا 60Hzلىق ئېكران ئىشلىتىلگەن، بۇمۇ كەڭ تورداشلار نارازىلىقىنى ئاساسلىق ئىپادىلىگەن تېخنىكا ھالقىسى. بىراق ھازىر تارقىلىپ يۈرگەن پاراڭلاردا ئېيتىلىشىچە، ئالما شىركىتى كېلەر يىللىق iPhoneغا 120Hz ProMotion ئېكران ئىشلىتىشنى پىلانلىغان، بۇ iPad Proدا ئاللىقاچان پىشىپ يېتىلگەن لايىھە بولۇپ، پەقەت ئىككى خىل Pro يانفون تىپىغىلا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەلۋەتتە، 120Hzلىق ئېكران چوقۇم يانفوننىڭ ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، مۇشۇ ئاساستا، iPhone 13 چوقۇم مۇناسىپ ھالدا باتارېيە سىغىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك، بولمىسا بۇ يىلقى iPhone 12گە ئوخشاش ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتى جەھەتتىكى ئىپادىسىدە يەنىلا ئىلگىرلەش بولماسلىقى، شۇنداقلا بەلكىم بۇ يەنە ئاساسلىق كەمچىللىك نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۈچىنچىسى ئۆزەك. 9to5Macنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار ئاخبارات شىركىتى TrendForceنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا مۆلچەرلىنىشىچە، ئالما 2021-يىلىدىكى iPhoneغا ئىشلىتىلىدىغان A15 ئۆزىكىگە يەنىلا 5nm ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنى قوللىنىدىكەن، لېكىن بۇ بىر كۈچەيتىلگەن نۇسخىدىكى ئۆزەك ئىكەن. كېيىنكى ئەۋلاد ئۆزەك A15 دەپ ئاتىلىدۇ، تەمىنلەش سودىگىرى يەنىلا جۇڭگو تەيۋەن توپلانما توك يولى ئەسۋابلىرى ياساش چەكلىك شىركىتى، گەرچە يەنىلا 5nm ياساش ھۈنەر-سەنئىتى قوللىنىلسىمۇ، لېكىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ تېخىمۇ ياخشى بولغان ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ۋە ئىقتىدار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئەلپازدىن قارىغاندا، +5nm بولىشىمۇ مۇمكىن. 5G جەھەتتە، بەزى خەۋەرلەردە iPhone 13كە كۇۋالكومنىڭ X60 ئاساسىي بەلبېغى ئىشلىتىلىدۇ دېيىلگەن، لېكىن يەنىلا ھازىرقىدەك ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ياكى رايونلارغا ئاساسەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، مەسىلەن، دۆلەت ئىچىدە مىللىمېتىر دولقۇننى قوللىمىسا، چەتئەلدە قوللايدۇ. بۇنداق ئوخشىمىغان نۇسخىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئالمىنىڭ تەننەرخىنى كونترول قىلىشىغا پايدىلىق. گەرچە بۇ قېتىمقى iPhone 12گە كۇۋالكوم ئاساسىي بەلبېغى ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىپادىسى يەنىلا ئادەتتىكىچە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگەن. iPhone 13 ئالمىنىڭ ئىككىنچى خىل 5G مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىگنالنى ياخشى قىلالامۇ؟ ئەڭ ئاخىرىدا سۈرەتكە تارتىش جەھەتتە، ئىلگىرى گو مىڭجى كېيىنكى ئەۋلاد iPhoneنىڭ Pro تىپىغا بىر دانە f/1.8لىك نۇر چەمبىرىكى، 6P ئەينەك، ئاپتوماتىك فوكۇس توغرىلاشنى قوللايدىغان ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا لىنزىسى سەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، ئالما شىركىتى يەنىلا سۈرەتكە تارتىش ۋە ۋىدىيو جەھەتتىكى دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىكەن. يۇقارقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە iPhone 13نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدىكى ئۆزگىرىش ئانچە چوڭ ئەمەس، ئاساسلىقى يەنىلا سەپلىمىدىكى ئۆزگىرىش. ئەگەر راستىنلا زەرەتلەش ئېغىزى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى سىمسىز زەرەتلەش ئالسا، شۇنداقلا زەرەتلەش قۇۋۋىتىمۇ تەڭ نىسبەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلسە ئۇنداقتا ھېچقانداق مەسىلە يوق، قالغان 120Hz ئېكران، تېخىمۇ كۈچلۈك A15 ئۆزەك، تېخىمۇ مۇقىم 5G تورى ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى قاتارلىقلار بىز بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلار بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا كىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. لېكىن تەھرىرنىڭ بىردىنبىر كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا باتارېيە، ئەگەر ئۆلچەملىك نۇسخىدىكى يانفون تىپىغا سەپلىنىدىغان باتارېيە سىغىمى ئاز دېگەندە +3000دىن باشلانغان بولسا iPhone 13 يەنىلا ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، سىز iPhone 13 سېتىۋالامتىڭىز؟ |
|