|
خەيرخوش ! مەڭگۈلۈك رىۋايەت發表時間:2020-11-27 01:34來源:ئەلكۈيى تورى ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: بېيجىڭ ۋاقتى 26-نويابىر سەھەردە، مارادونا 60 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسى ئورگان تەرەپ مارادوناغا تەزىيە بىلدۈرۈپ: « خەير ـ خوش دىيېگو! سىز ھەرقانداق بىر پۇتبول سەييارىسىدە مەڭگۈلۈك بولىسىز. » دېدى. 12-نويابىر مارادونا مېڭە قان ئىششىقى ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلدى، ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئوپېراتسىيە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، شۇنىڭ بىلەن مارادونا دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىدە دەم ئېلىپ داۋالانغان. ئارگېنتىنا ۋاقتى 25-نويابىر چۈش سائەت 12 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، مارادونانىڭ ئۆيىدە يۈرىكى تۇيۇقسىز سوقۇشتىن توختاپ، ئېسىنى يوقاتتى، يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرلار دەرھال كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزدى، ئەمما ئاخىرى ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدى. سائەت 13 تىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە مارادونا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.
توپچى دەۋرىدە مارادونا ئارگېنتىنا ياشلىرى، بوكا ياشلىرى، بارسېلونا، ناپولى، سېۋىللا، نيۇۋىل قېرى ئوغۇللىرى قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن. مارادونانىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى 1986- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بولۇپ، ئۇ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنانى باشلاپ چېمپىيون بولۇپ، توپ مەستانىلىرىگە مەڭگۈلۈك ئەسلىمە قالدۇردى!
مارادونا 1960-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئارگېنتىنادا تۇغۇلغان بولۇپ، پۇتبول دۇنياسىدا توپچى ۋە ترېنېرلىق سالاھىيىتىدە ھەممەيلەنگە تونۇلغان. ئۇ 1975-يىلى 10-ئايدا ئارگېنتىنا ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى باشلاپ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغان بولۇپ، 1977-يىلى 9-ئايدا ئارگېنتىنا ياشلار كوماندىسىنى باشلاپ خەلقئارا ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، 1978-يىلى ئارگېنتىنا ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولۇپ باھالانغان ئەڭ ياش توپچىغا ئايلانغان. 1982-يىلى 7-ئايدا مارادونا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى زەردارى بارسېلوناغا قوشۇلغان، 1984-يىلى 7-ئايدا پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ كۆپ يۆتكىلىش ھەققى بولغان يەتتە مىليون 500 مىڭ ياۋرو باھادا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ناپولىغا قوشۇلغان. 1986-يىلى مارادونا ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 1990-يىلى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا ئارگېنتىنا كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گېرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. 1997-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى مارادونا توپچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇ ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسى ترېنېرلىقىغا تەيىنلەنگەن، 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى مارادونانىڭ دۆلەت كوماندىسىغا ترېنېرلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 2005-يىلى مارادونا بىر پروگراممىدا كەلگۈسىدە كېتىدىغان كۈننى تىلغا ئالدى: « شۇنداق، مەن ئۇ چاغدا نېمىلەرنى دەيمەن؟ ئىلگىرى پۇتبول ئويناپ باققانلىقىمغا رەھمەت، چۈنكى بۇ تەنھەرىكەت ماڭا خۇشاللىق، ئەركىنلىك ئاتا قىلدى، مەن ئىككى قولۇم بىلەن ئاسمانغا تېگىپ كەتتىم، پۇتبولغا رەھمەت، شۇنداق، مەن قەبرە تېشىنىڭ ئالدىدا پۇتبولغا رەھمەت ئېيتىمەن. » دېدى. «مەيلى قەيەردە بولسۇن، مارادونا تالانت ۋە غەلىبىدىن دېرەك بېرەتتى، شۇنداقلا شاللاق ۋە چاتاق تېرىشتىن دېرەك بېرەتتى. مارادوناغا ئۆچ بولغانلاردا بەلكىم ئون مىڭ سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنى سۆيۈشكە پەقەت بىرلا سەۋەب كېرەك! ». ئارگېنتىنادا جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى سىرلىق ھەم گۈزەل بۇ دۆلەتتە كىشىلەرنىڭ بۇتقا چوقۇنۇشى چېكىگە يەتكەن. پۇتبولنى ھەممىدىن بەكرەك سۆيىدىغان دۆلەتتە پەقەت مارادونانىڭلا ئىسمى ئۇلارنىڭ دۆلەت مەبۇدىسى پىرون خانىم بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇراتتى. ئۇلار بۇ زېمىننىڭ ئىنتىلىشىگە، قايناق ھېسسىياتقا، جاھىل خاراكتېر ۋە تالاش-تارتىش تەقدىرىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. پۇتبول ئارگېنتىنالىقلارغا بارلىق ئازاب ـ ئوقۇبەتلەرنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان ئەڭ ياخشى مەنىۋى ماكان، مارادونا بولسا تەقدىرنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ ياخشى سوۋغىسى. » دېدى. «مارادونانىڭ تالانتى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئىككى تەرىپىنى بەرپا قىلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھاياتىنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئۇ ئالۋاستىنىڭ نامايەندىسى ئىدى، لېكىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە، تېخىمۇ كۆپ ئارگېنتىنانىڭ قەلبىدە مارادونا ئۇلارنىڭ مەبۇدىسى ئىدى! ئۇلار ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن مارادونا دىنىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزىنى ئىتتىپاقلاشتۇردى.ھەر يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى بۇلارنىڭ مارادونا دېنى بايرىمى ئىدى. |
|