|
بۇلۇت ساقلاش دېگەن نېمە؟發表時間:2020-11-28 15:10來源:تېڭشۈن تورى نۆۋەتتە بۇلۇت ھېسابلاش يېڭى تېخنىكا ساھەسى ۋە مۇلازىمەت ساھەسىدىكى «نۇقتىلىق سۆز»لەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، بۇلۇت ھېسابلاش ئۇقۇمى ۋە ئەمەلىيىتىدىن بىر خىل يېڭى ساقلاش ئەندىزىسى−بۇلۇت ساقلاش بارلىققا كەلدى. بۇلۇت ساقلاش تۈرلۈك ئەمەلىي مۇلازىمەت ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزغا كىرىپ، ئەنئەنىۋى ساقلاش ئۇسۇلىغا بولغان تونۇشىمىزنى تەدرىجى ئۆزگەرتىپ، ھۆججەت ساقلاش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىماقتا. ھەر خىل چوڭ تىپتىكى ئىزدەش سۇپىلىرى ھەر كۈنى ئون مىليارد قېتىمدىن ئارتۇق سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسمى قۇرۇلمىسىز ياكى يېرىم قۇرۇلمىلاشقان سانلىق مەلۇماتلار. شۇڭا، ساقلاش ۋە ھېسابلاش سۇپىسى قۇرۇپ، تېخىمۇ ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش، جىددىي ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇلۇت ھېسابلاش ۋە بۇلۇت ساقلاشنىڭ پەيدا بولۇشى بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايدۇ. بۇلۇت ھېسابلاش تور ئارقىلىق IT مەنبەسىگە (مەسىلەن، مۇلازىمېتىر، ساقلاش، قوللىنىش ۋە مۇلازىمەت قاتارلىقلار) ئۇلىنىدىغان بىر خىل ئەمەلىي ئەندىزە بولۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان بايلىق كۆلچىكىنى ھاسىل قىلىپ، خېرىدارلارنى ئېھتىياجغا قاراپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بايلىقنىڭ تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇلۇت ھېسابلاش ئاساسىدا بۇلۇت ساقلاش تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، بۇلۇت ساقلاش ئەمەلىيەتتە بۇلۇت ھېسابلاشتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش، ئارخىپلاشتۇرۇش، زاپاس ساقلاشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بىر خىل يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇلۇت ساقلاشنىڭ ئېنىقلىمىسىنى ئىككى جەھەتتىن چۈشەنسەك بولىدۇ: بىرىنچى، خېرىدارلارغا يۈزلەنگەن مۇلازىمەت شەكلى جەھەتتە، ئۇ بىر خىل ئېھتىياجغا قاراپ مۇلازىمەت قىلىدىغان ئەمەلىي ئەندىزە بولۇپ، ئابۇنىچى تور ئارقىلىق بۇلۇت ساقلاش مەنبەسىگە ئۇلىنىپ، بۇلۇت بۆلىكىدە ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا سانلىق مەلۇمات ساقلىيالايدۇ؛ ئىككىنچى، بۇلۇت ساقلاش مۇلازىمىتىنى بەرپا قىلىش جەھەتتە، ئۇ تارقاقلاشقان، مەۋھۇملاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سەپلىمە قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق، زور مىقدارلىق، ئېلاستىكىلىق كېڭىيىشچان، تۆۋەن تەننەرخلىق، تۆۋەن سەرپىياتلىق ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان بايلىق مەنبەسىدىن پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇلۇت ساقلاش يۇقىرى ئىشەنچلىكلىك، يۇقىرى ئىشلىتىلىشچانلىق، يۇقىرى بىخەتەرلىك، قېلىپلاشقان ۋە تۆۋەن تەننەرخ قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بۇ ئالاھىدىلىكلەر تارقاق ئۇلاش، ئومۇميۈزلۈك زىيارەت قىلىش بوشلۇقى، مەۋھۇملاشقان سېزىش ئىقتىدارى، سانلىق مەلۇمات ئېقىش ئىقتىدارى، بوشلۇقتىكى ئەقلىي ئىقتىدارنى تەقسىملەش ۋە يېشىل ئېنېرگىيە تېجەش قاتارلىق تېخنىكىلارغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشىدۇ. قۇرۇلما مودېلىدىن قارىغاندا، بۇلۇت ساقلاش ئاساسلىقى نەچچە ئون مىڭلىغان تور ساقلاش ئۈسكۈنىسى، تەقسىملەنمە ھۆججەت سىستېمىسى ۋە باشقا ئارىلىق زاپچاسلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى جەمئىي تۆت قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا تەرتىپ بويىچە ساقلاش قەۋىتى، باشقۇرۇش-ئورۇنلاشتۇرۇش قەۋىتى، ئەمەلىي ئۇلاش ئېغىزى قەۋىتى ۋە زىيارەت قەۋىتى قاتارلىقلار. بۇلۇت ھېسابلاشقا ئوخشاش، بۇلۇت ساقلاشنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىزچىل كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى، مەيلى كارخانا ياكى ئادەتتىكى ئابۇنىتلار بولسۇن، ئالدى بىلەن مەڭگۈ ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىدۇ. ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ماسلىشىش ۋە تېخنىكا كاپالىتى نىسپىي بولىدۇ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئاساسىدا، ئابونتلارنى تېخىمۇ قولايلىق ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشمۇ كەلگۈسىدىكى بۇلۇت ساقلاش تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. |
|