|
ئالما يانفونىنى قانچىلىك ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟發表時間:2020-12-01 20:02來源:qq.com ھازىر يانفون تۇرمۇشىمىزدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. يانفون تىلغا ئېلىنسىلا، ئالما يانفونى تەبىئىيلا خىيالىمىزدىن كېچىدۇ، بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق يانفون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزۇندىن بۇيان ناھايىتى ياخشى ئىپادىسىنى ساقلاپ كەلدى. ئالما يانفونى بازارغا كىرگەندىن باشلاپ، باھاسى باشقا يانفون باھاسىدىن كۆپ يۇقىرى بولدى، لېكىن بۇ يۇقىرى باھا ئالما يانفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىدى. كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى يانفون زاۋۇتلىرىنىڭمۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يانفونلارنى تاللىدى. گەرچە مەملىكەت ئىچىدىكى ئىقتىدار-باھا نىسبىتى يۇقىرى يانفون زاۋۇتلىرىمۇ بەلگىلىك بازارغا ئىگە بولالىغان بولسىمۇ، لېكىن ئالما يانفونىنىڭ باھاسى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلدى. ھەر يىلى ئالما شىركىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشى بىلەنلا، يانفون بازىرىدا يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، بۇ يىلقى iPhone 12 يۈرۈشلۈكىدە iPhone 12 mini نىڭ دەسلەپكى سېتىلىش باھاسى 5499 يۈەن، iPhone 12نىڭ بولسا 6299 يۈەن بولغان. بۇ يۈرۈشلۈك iPhone 12 Pro Max نىڭ سېتىلىش باھاسى 11 مىڭ 899 يۈەن بولۇپ، ئون مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. ئالما يانفونى شۇنچە قىممەت ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل iPhone 12 يۈرۈشلۈك يانفونىغا تېخى تىڭشىغۇچ ۋە زەرەتلىگۈچ سوۋغا قىلىنمىغان بولۇپ، ئالمىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەڭ چوڭ پايدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ھىيلە-مىكرى ناھايىتى ياخشى كۈچىنى كۆرسەتكەن. ئالمىنىڭ پايدىسى شۇنچە ئازمۇ، ھەتتا تىڭشىغۇچ، زەرەتلىگۈچنىمۇ قوشۇپ بېرەلمىدىغۇ؟ يېقىندا «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالما iPhone 12 Proدىن ئىبارەت بۇ يانفوننى «ئوپېراتسىيە» قىلىپ، ئالما يانفونىنىڭ تەننەرخ باھاسىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن ئېرىشكەن جاۋاب كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، iPhone 12Pro نىڭ تەننەرخ باھاسى 2800 يۈەن، بۇنىڭ بازاردىكى سېتىلىش باھاسى 8499 يۈەن، بۇنىڭدىن ئالمىنىڭ قانچىلىك پايدا ئالالايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئالما يانفونى ھەقىقەتەن قىممەت، ئالما يانفونىنىڭ باھاسى بىلەن باشقا ماركىدىكى يانفونلارنىڭ باھاسىنى سېلىشتۇرغاندا، ئالما يانفونىنىڭ باھاسى خېلىلا يۇقىرى. ئالما يانفونى گەرچە قىممەت بولسىمۇ، ئەمما ئىشلەتكۈچىلەر بۇ پۇلغا رازى بولۇپ ئېلىشىدۇ، قىممەت بولۇشنىڭ ئاساسى بار ئەلۋەتتە. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالمىنىڭ iPhone ئۈچۈن تەمىنلىگەن سىستېما قوللاش دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئالتە يىلغا يېتىدىكەن، ئاندرويىد يانفون تىپىغا سېلىشتۇرغاندا توپتوغرا يېرىم ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. ئاندرويىد يانفونلارنىڭ باھاسى ھەقىقەتەن ئالمىدىن خېلىلا تۆۋەن، لېكىن ئاندرويىد يانفونلىرى ئادەتتە پەقەت ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان سىستېما قوللاش دەۋرىيلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئالما يانفونلىردىن خېلىلا تۆۋەن. ئاندرويىد يانفونىنى ئىشلىتىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئاندرويىد يانفونىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، يانفوننى نورمال ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتى ئاستىلاپ قالىدۇ، بۇ ئادەمنى ئىنتايىن بىزار قىلىدۇ. ئالما يانفونى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئالما يانفونىنىڭ راۋانلىقى ۋە قېتىۋالماسلىقىدەك ئەۋزەللىكىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن خېرىدارلارنىڭ تاللىشى بولۇپ قالدى. ئالما يانفونىنىڭ باھاسى يۇقىرى، ئۇنداقتا بىر ئالما يانفونى قانچىلىك ۋاقىت ئىشلىتىشكە يېتىدۇ؟ چەت ئەلدىكى ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالما يانفونىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلىتىلىش ئۆمرى 3.7 يىل بولۇپ، ئاندرويىد يانفونىنىڭ 1.6 يىل بولغان. بۇنىڭغا ئالما ئورگان تورى ئالما يانفونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈچ يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ، دەپ ئىنكاس قايتۇرغان. ئەمما ئاندرويىد يانفونىنى بۇنچىلىك ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق دېگەن شۇ. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئالما يانفون سېتىۋېلىش شامالغا ئەگىشىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئالما يانفونى ھەقىقەتەن بەلگىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئالما يانفونى يانفون بازىرىدا ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، گەرچە ئۇنىڭ باھاسى باشقا يانفوندىن خېلىلا يۇقىرى بولسىمۇ نۇرغۇن خېرىدارلار ئالما يانفونىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ كەتتى. سىلەرنىڭ يانفونىڭلارنى ئىشلەتكىلى قانچە يىل بولدى؟ |
|