|
قىزىم -كېرەم ئابباس ناخشا發表時間:2020-12-02 14:02來源:ئەلكۈيى تورى كېرەم ئابباس قىزىغا ئاتاپ ئورۇنلىغان ئەڭ يېڭى ناخشا « قىزىم » ئەلكۈيى تورىدا تارقىتىلدى
قىزىمغا سۆزى : مەمەتتۇرغۇن ئەلى مۇزىكىسى : كېرەم ئابباس ئاككوردلاشتۇرغۇچى : پاراسەت ناخشىدا : كېرەم ئابباس ئۇماق قىزىم ئاتىننا ئابباس تۇنجى يېشىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن قىزىم! سىزنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ بىزنى ئاتا-ئانا قىلىپ تاللىغىنىڭىزغا رەھمەت . ھەم بىزگە ئاتا-ئانا مەسۇلىيىتىنى ھېس قىلدۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ، بىزمۇ سىزدەك بالا ئىدۇق تېز ئۆتكەن ۋاقىتلاربىزنى بالىلىقىمىزغا قاندۇرماي تۇرۇپلا سىزنىڭ بالىلىكىڭىزغا ھەمراھ قىلدى · سىزئولتۇرۇشنى ، ئۆمىلەشنى ، ئاستا ئۆرە تۇرۇشنى ، مېڭىشنى ئۈگۈنىۋاتقاندەك، بىزمۇ ئاتا-ئانا بولۇشنى ئاستا -ئاستا ئۈگۈنىۋاتىمىز . بەلكىم بىزسىزگە مال دۇنيا ۋەباشقا نەرسىلەرنى بەك كۆپ قالدۇرالماسلىقىمىز مۇمكىن ، لېكىن بىز سىزنىڭ بالىلىقىڭىزنىڭ تولىمۇ ساغلام مەنلىك ئۆتۈشى ئۈچۈن ئاپىڭىز ئىككىمىز ئەڭ زور تىرىشجانلىقىمىزنى كۆرسىتىشكە بەل باغلىدۇق قىزىم ، سىزنى سۈيۈپ ، دادىڭىز كېرەم ئابباس . 2020-يىلى12-ئاينىڭ2-كۈنى
ئوماق قىزىم …… سىز ئۈچۈن كۆك ئاسمان سىزاي ، يۇلتۇزلاردىن ئىسمىڭىز يازاي .
ئوماق قىزىم …… سىز ئۈچۈن باغرىمنى ئاچاي ، يوللىرىڭىزغا گۈللەرنى چاچاي .
ھېكايىلەر تىزىپ بېرەي مەن سىزگە ئاتاپ ، سىزنى قانماي قانماي باغرىمغا باساي . كۈلىشىڭىز ۋۇجۇدۇمغا گوياكى ئاپتاپ ، سىزگە قانماي تۇرۇپ مەن قانداق ياشاي .
ئوماق قىزىم …… سىز ئۈچۈن باغلارنى ياساي ، باغ ئىچىگە ئىسمىڭىز يازاي .
ئوماق قىزىم …… سىز ئۈچۈن مۇھەببەت بولاي ، سوغۇقلاردا گۈلخاندەك ياناي .
ئوماق قىزىم …… مەن سىزگە بەختىمنى سۇناي ، كۆزلىرىڭىزدىن كۈچ قۇۋۋەت ئالاي . ھېكايىلەر تىزىپ بېرەي مەن سىزگە ئاتاپ ، سىزنى قانماي قانماي باغرىمغا باساي . كۈلىشىڭىز ۋۇجۇدۇمغا گوياكى ئاپتاپ ، سىزگە قانماي تۇرۇپ مەن قانداق ياشاي . سىزگە بەختىمنى بېرەي ، بەختىڭىز كۆرەي .
ھاياتىمغا مەنا بەردىڭىز قىزىم ، بارلىقىم مىنىڭ …… سىزگە قانماي مەن قانداق ياشاي ! ئوماق قىزىم سىز ئۈچۈن داۋانلار ئاشاي ، ماڭغان يوللىرىڭىزغا مەن يوللار ئاچاي .
来源:爱酷艺网 监制:麦提江 审稿:阿米娜 稿子:阿丽亚 www.alkuyi.com
|
|