|
چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: دونستېك كان ئىشچىلىرى 0:2 خانلىق مادرىد發表時間:2020-12-02 17:36來源:qq.com بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 1:55تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ بەشىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە كىيېۋ ئولىمپىك توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا دونېتسك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئاسىنسىئونىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، دونىستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايان قىلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە خانلىق مادرىدتىن ناچو ياخشى پۇرسەتتە توپ كىرگۈزەلمىدى، دونىستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىدىن دېنتىنھو خانلىق مادرىد مۇداپىئە سېپىنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، مۇسابىقە 81 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، دونىستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىدىن سولومون بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا 2:0 نەتىجىدە دونىستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى خانلىق مادرىد ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئاسىنسىئونىڭ يېقىن ئارىلىقتىن تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، كان ئىشچىلىرى كوماندىسىدىن تايسوننىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، خانلىق مادرىدتىن بېنزېمانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، خانلىق مادرىد داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئاسىنسىئونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى چاققانلىق بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، خانلىق مادرىد يەنىلا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، بېنزېمانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، ناچونىڭ قاپقا ئالدىدا ئۈسكەن كاللا توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 57 مىنۇت بولغاندا، ساھىبخان مەيداندىكى دونىستېك كان ئىشچىلىرى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، دونىستېك كان ئىشچىلىرى ھۇجۇم تەشكىللەپ، خانلىق مادرىد مۇداپىئە سېپىدىكى سەۋەنلىك تۈپەيلى، دېنتىنھو قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، خانلىق مادرىد ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېندىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 81 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، دونىستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، دونىستېك كان ئىشچىلىرى تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، سولومون توپنى ھەيدەپ، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا خانلىق مادرىد كوماندىسى تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا 2:0 نەتىجىدە دونىستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، ئۆز گۇرۇپپىسىدا ئۈچىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. |
|