|
دونىستېك كان ئىشچىلىرى خانلىق مادرىدنى قوش مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان 5-كوماندىغا ئايلاندى發表時間:2020-12-02 17:37來源:ئەلكۈيى تورى بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 1:55تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ بەشىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە كىيېۋ ئولىمپىك توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا دونېتسك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئاخىرىدا دونىستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى دېنتىنھو بىلەن سولوموننىڭ بىردىن توپ كىرگۈزۈشىگە تايىنىپ، ساھىبخان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلىپ، رەقىبىنى قوش مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى، بۇنىڭ بىلەن دونىستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى خانلىق مادرىدنى گۇرۇپپا باسقۇچىدا قوش مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان بەشىنچى كوماندىغا ئايلاندى. ئىككى كوماندىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا دونىستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى مېھمان مەيداندا 2:3 نەتىجىدە خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلغان بولۇپ، ساھىبخان مەيدانغا قايتىپ كەلگەن دونىستېك كان ئىشچىلىرى 0:2 نەتىجىدە خانلىق مادرىدنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، رەقىبىنى قوش مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. «Gracenote» تاراتقۇسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، دونىستېك كان ئىشچىلىرى، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى، گۇرۇپپا باسقۇچىدا خانلىق مادرىدنى قوش مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان بەشىنچى كوماندىغا ئايلانغان، بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇشۇنداق نەتىجە ياراتقان تۆت كوماندا بولسا ئاجاكس كوماندىسى (1995/1996-يىللىق مۇسابىقە پەسلى)، بايرېن مىيۇنخېن (1999/2000-يىللىق مۇسابىقە پەسلى)، يۇۋېنتۇس (2008/2009-يىللىق مۇسابىقە پەسلى)، موسكۋا مەركىزىي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى (2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى) كوماندىلىرى ئىكەن. قوش مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە يەتتە جۇغلانما ئېرىشكەن خانلىق مادرىد، ئۆز گۇرۇپپىسىدا دونىستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىنىڭ كەينىدە قالغان بولۇپ، ئۈچىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىش بىلەن بىرگە گۇرۇپپىدىن چىقىشتىكى تەشەببۇسكار ئورۇندىن ئايرىلىپ قالدى. يۇقارقىلاردىن باشقا ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دونىستېك كان ئىشچىلىرى يېقىنقى 12 يىلدىن بۇيان خانلىق مادرىدنى يەككە مۇسابىقە پەسلى، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا باسقۇچىدا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلغان ئۈچىنچى كوماندا ھېسابلىنىدىكەن. يۇقارقىلاردىن باشقا تەكىتلەشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، ئۆز گۇرۇپپىسىدا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆرلىگەن دونىستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى ھازىرغا قەدەر، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى بەش ئايلانمىسىدا بەش توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ بەش توپنىڭ ھەممىسىنى خانلىق مادرىدقا كىرگۈزگەن. چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا، دونىستېك كان ئىشچىلىرى 2:3 نەتىجىدە خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ ئايلانما مۇسابىقىدە دونىستېك كان ئىشچىلىرى، 0:0 نەتىجىدە خەلقئارا مىلان بىلەن تەڭلەشكەن، 6:0 ۋە 4:0 نەتىجىدە مونشېنگلادباخ كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان. |
|