|
چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ بۇگۈن سەھەردىكى مۇسابىقىلىرىدىن خۇلاسە發表時間:2020-12-02 17:42來源:تېڭشۈن بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ بەشىنچى ئايلانمىسىدىكى سەككىز مەيدان مۇسابىقە تولۇق ئاخىرلاشتى، تۆۋەندە بىز ئايرىم تونۇشتۇرۇلغان مۇسابىقىلەردىن باشقا ئوينالغان مۇسابىقىلەرنىڭ نەتىجە ئەھۋالىنى قىسقىچە خۇلاسە قىلىپ چىقىمىز: ئالدى بىلەن ئوينالغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە، موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئاۋستىرىيە بىرلەشمىسىدىن كەلگەن سالزبۇرگ قىزىل كالا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە سالزبۇرگ قىزىل كالا كوماندىسىدىن بېرىشا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە سالزبۇرگ قىزىل كالا كوماندىسىنىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسى نۇقتا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، سالزبۇرگ قىزىل كالا كوماندىسىدىن ئادىيېبىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا سالزبۇرگ قىزىل كالا مېھمان مەيداندا 1:3 نەتىجىدە موسكۋا پاراۋۇز كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ بەشىنچى ئايلانما گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە گىگانىت ئەجدىرھا توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، مانچېستېر شەھىرى مېھمان مەيداندا پورتو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر شەھىرىنىڭ قاپقىچىسى ئېدېرسون ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن خەتەرلىك توپلارنى توسۇۋېلىپ، توپ كەتكۈزمىدى،توررېسنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە پورتو كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى قالتىس ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ، خەتەرلىك توپلارنى توسۇۋالدى، مانچېستېر شەھىرىدىن خېسۇس بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىندى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مانچېستېر شەھىرى مېھمان مەيداندا 0:0 نەتىجىدە پورتو كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى. بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ بەشىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئەنفىلد توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا ئاجاكس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لىۋېرپولدىن جنېسنىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، ئاجاكس كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى چاققانلىق بىلەن خەتەرلىك توپلارنى توسۇۋېلىپ توپ كەتكۈزمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لىۋېرپولدىن جنېس بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، فىرمىنونىڭ يەكمۇيەك ھالەتتە تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا 0:1 نەتىجىدە ئاجاكس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ بەشىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ۋېلودرومې توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، مارسېل ساھىبخان مەيداندا ئولىمپىياكوس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئولىمپىياكوس كوماندىسىدىن كامارا بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئولىمپىياكوس كوماندىسىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مارسېل كوماندىسىدىن پايېت ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مارسېل كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 1:2 نەتىجىدە ئولىمپىياكوس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا مەغلۇپ بولۇش ھالىتىگە خاتىمە بەردى. بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ بەشىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە كۆك رەڭ رىقابەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئاتلانتا ساھىبخان مەيداندا دانىيە بىرلەشمىسىدىن كەلگەن مىدتىيلاند كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مىدتىيلاند كوماندىسىدىن سچولىز بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە مىدتىيلاند كوماندىسىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئاتلانتا كوماندىسىدىن رومېرو كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا ئاتلانتا ساھىبخان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە مىدتىيلاند كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. يۇقارقىلاردىن باشقا خانلىق مادرىد ئويلىمىغان يەردىن مېھمان مەيداندا دونىستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، خەلقئارا مىلان مېھمان مەيداندا مونشېنگلادباخ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بېيجىڭ ۋاقتى ئەتە سەھەردە كېيىنكى گۇرۇپپىلارنىڭ مۇسابىقىلىرى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. |
|