新聞詳情

توماس مۇللېر چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە 10-ئورۇنغا ئۆتتى

發表時間:2020-12-02 17:44作者:ئەلكۈيى تورى來源:جىبوبا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا 5-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، گېرمانىيە بىرلەشمىسى زەردارى بايرېن مىيۇنخېن مېھمان مەيداندا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى مادرىد ئاتلېتكا بىلەن مۇسابىقىلەشتى، بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن ئىككى كوماندا 1:1 نەتىجىدە تەڭلەشتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنىېن ھۇجۇمچىسى توماس مۇللېر نۇقتا توپ كىرگۈزدى، شۇنداقلا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە جەمئىي 47 توپ كىرگۈزۈپ، تارىخى مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە 10-ئورۇنغا ئۆتتى.

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخى مەرگەنلەر رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

1. كرىستيانو رونالدو: 172 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 131 توپ كىرگۈزگەن.

2. مېسسى: 146 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 118 توپ كىرگۈزگەن.

3. رائۇل: 142 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 71 توپ كىرگۈزگەن.

4. لېۋاندوۋىسكى: 94 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 71 توپ كىرگۈزگەن.

5. بېنزېما: 124 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 67 توپ كىرگۈزگەن.

6. ۋاننىستېلروي: 73 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 56 توپ كىرگۈزگەن.

7. ھېنرى: 112 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 50 توپ كىرگۈزگەن.

8. ئىبراھىموۋىچ: 120 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 48 توپ كىرگۈزگەن.

9. شېۋچېنكو: 100 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 48 توپ كىرگۈزگەن.

10. توماس مۇللېر: 120 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 47 توپ كىرگۈزگەن.


分享到: