新聞詳情

ئالما شىركىتىگە يەنە بىر قېتىم زور سوممىلىق جەرىمانە قويۇلدى

發表時間:2020-12-02 17:46作者:爱酷艺网來源:腾讯




ئالما شىركىتى يۇمشاق دېتال يېڭىلىنىشىنىڭ كونا نۇسخىدىكى iPhoneنىڭ سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلغاندىن كېيىن، ئالما شىركىتىگە يەنە «ئازدۇرما سودا ھەرىكىتى» سەۋەبلىك جەرىمانە قويۇلدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيەنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئورگىنى دۈشەنبە كۈنى ئالما شىركىتىنىڭ iPhone نى سېتىش ئۇسۇلىدا «تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئازدۇرۇش خاراكتېرى» بار دەپ قاراپ، ئالما شىركىتىگە 10 مىليون ياۋرو (يەنى 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) جەرىمانە قويغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئالما شىركىتى ئېلانىدا iPhoneنىڭ سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى بارلىقىنى تەشۋىق قىلغان. ئەمما ئېلاندا پەقەت ئالاھىدە ئەھۋالدىلا iPhoneنىڭ سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىق تەكىتلىمىگەن.

نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالما شىركىتى جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش باياناتىدا، سۇيۇقلۇقتىن زىيانغا ئۇچرىغان يانفون بىخەتەرلىك دائىرىسىگە كىرمەيدۇ دەپ كۆرسەتكەن. ئەگەردە، ئالما شىركىتىنىڭ باياناتىدەك بولغاندا يانفون سۇ ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىسا ئالما شىركىتى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خېرىدارلارنى ئالدىغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 7-ئايدا، يەن فامىلىلىك بىر ئىستېمالچىنىڭ 2018-يىلى 10-ئايدا سېتىۋالغان iPhone XS Max يانفونى سۇغا چۈشۈپ ئىككى مىنۇتتىن كېيىنلا بۇزۇلغان ھەمدە ئالمىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت دۇكىنىنىڭ رېمونت ھەققى 4600 يۈەنگە يەتكەن. يەن ئەپەندى ئالما ئورگان تورى ئېلانىدىكى «سۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 30 مىنۇت تۇرالايدۇ» دىگەن تەشۋىقات ئېلانغا قاراپ، ئالما ئېلانىدىكى ساختا تەشۋىقاتنىڭ ئىستېمالچىلارنى خاتا يېتەكلىگەنلىكىدىن گۇمانلانغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئالما تەرەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، iPhoneنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا دىيىلگىنى «سۇ كىرىش» بولماستىن، بەلكى «سۇ كىرىشتىن مۇداپىئەلىنىش»نى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە يانفون پەقەت سۇنىڭ چاچراپ كېتىشىدىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغانلىقىنى، پۈتۈنلەي سۇ كىرىپ كەتسە رېمونت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بەزى تورداشلار: «ئالما شىركىتى xs maxنى سۇ كىرىشتىن مۇداپىئەلىنىدۇ دەپ تەشۋىق قىلغان. ئەمەلىيەتتە xs max نېمە ئۈچۈن سۇ كىرىشتىن مۇداپىئەلىنەلمەيدۇ؟» دەپ سورىدى.

بۇ ھەقتە ئالمىنىڭ ئورگان تەرەپ :«iPhone XS ۋە iPhone XS Maxنىڭ سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈنۈمى IEC 60529 ئۆلچىمىدە IP 68 دەرىجىگە يەتكەن (ئەڭ چوڭقۇر بولغاندا ئىككى مېتىر سۇدا 30 مىنۇت قويۇپ سىناق قىلىنغان) iPhone XR، iPhone X، iPhone 8، iPhone 8 Plus، iPhone 7 ۋە iPhone 7 Plus لارنىڭ سۇدىن ساقلىنىش ئۈنۈمى IEC 60529 ئۆلچىمىدە IP67 دەرىجىگە يەتكەن ( ئەڭ چوڭقۇر بولغاندا بىر مېتىر سۇغا 30 مىنۇت قويۇپ سىناق قىلىنغان)، چاچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇغا قارشى تۇرۇش، چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش ئىقتىدارى مەڭگۈلۈك ئەمەس. قوغداش ئىقتىدارىمۇ نورمال ئۇپراش تۈپەيلىدىن تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. سۇيۇقلۇق سەۋەبىدىن بۇزۇلۇشى رېمونت كاپالىتى دائىرىسىدە بولمايدۇ. ئەمما سىز ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنىدا بېرىلگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالايسز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

iPhone XS، iPhone XS Max ۋە iPhone XR ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان سۇيۇقلۇقلارنىڭ تاسادىپىي چاچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەسىلەن، سودا سۈيى، پىۋا، قەھۋە، چاي ۋە مېۋە شەربىتى قاتارلىقلار. ئەگەر چاچراپ كەتسە، مۇۋاپىق تۇرۇبا سۈيى بىلەن تەسىرگە ئۇچرىغان رايوننى يۇيۇپ، ئاندىن سۈرتۈپ قۇرۇتسا بولىدۇ. iPhone ياكى iPodنىڭ سۇغا ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلارغا چىلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بۇزۇلۇشى رېمونت قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.


分享到: