新聞詳情

مېسسى بىلەن رونالدو جېڭى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ

發表時間:2020-12-07 20:30作者:ئەلكۈيى تورى來源:تېڭشۈن تورى




ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە، (يەنى بۈگۈن كېچىدە) ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، بارسېلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا يۇۋېنتۇسنى كۈتۈۋالىدۇ، ئىككى كوماندا گۇرۇپپىدىن چىقىش سانىنى بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە گۇرۇپپا باشلىقىنى تالىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر مەيدان كېچىكىپ قالغان« مېسسى ۋە كىرىستىيانو رونالدو ئۇرۇشى» ، توپ مەستانىلىرىنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ! ئارىدىن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان« مېسسى بىلەن رونالدونىڭ جېڭى» ئاخىر يەنە باشلاندى!


كىرىستىيانو رونالدو خانلىق مادرىدتىن يۇۋېنتۇسقا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى ھەممە جاينى قاپلىغان« مېسسى بىلەن رونالدونىڭ جېڭى » ئاساسىي جەھەتتىن دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىن غايىب بولغان، « مېسسى بىلەن رونالدونىڭ جېڭى » نى كۆرۈش ئۈچۈن پەقەت ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ياكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىلا پۇرسەت بولىدۇ، ئەپسۇس ئۇدا نەچچە يىل داۋاملاشقان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە بارسېلونا بىلەن يۇۋېنتۇس بىر يەرگە كېلەلمىدى، « مېسسى بىلەن رونالدونىڭ جېڭى » مۇ مۇسابىقە مەيدانىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەن، توپ مەستانىلىرى ئامالسىز قۇرۇق قالغان!


بۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە، بارسېلونا بىلەن يۇۋېنتۇس ئاخىرى بىر گۇرۇپپىغا تارتىلدى. چەك تارتىش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ مۇسابىقە ۋاقىت جەدۋىلىگە دىققەت قىلىپ، بارسېلونا بىلەن يۇۋېنتۇسنىڭ مۇسابىقىسىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھالبۇكى، ئىككى كوماندىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئېلىشىشىدا، كىرىستىيانو رونالدو يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن ئايرىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىككى كوماندىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تۇتۇشۇشىغا ئۇچرىغاچقا، توپ مەستانىلىرى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن« مېسسى بىلەن رونالدونىڭ جېڭى » ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز قەرەلىدە ئوينىيالمىدى، يەنى كېرىستىيانو رونالدو مۇسابىقىگە قاتنىشالمدى. شۇ مەيدان مۇسابىقە مېسسىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ئويۇنىغا ئايلىنىپ، بارسېلونا كوماندىنىڭ يۇۋېنتۇسنى يېڭىشىگە ياردەم قىلدى!


ھەپتە ئاخىرىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە، كىرىستىيانو رونالدو پۈتۈن مەيدان توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1-2 قىلىپ تۇرىن كوماندىسىنى ئۆزگەرتتى، مېسسى بولسا ئوخشاشلا پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى، ئەپسۇسكى، توپ كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن جادىسقا تەڭ كېلەلمەي، ھەر ئىككىلىسى بىرلەشمە مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزەلمەي، پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇسابىقىدە تۈۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغاندەك بولدى!

2020127

بۇ قېتىم ئىككى كوماندا يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى، بۇ نۆۋەت مەيلى مېسسى بولسۇن مەيلى رونالدو بولسۇن ساغلام ھالەتتە تۇرماقتا، توپ مەستانىلىرى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن« مېسسى بىلەن رونالدونىڭ جېڭى » ئويلىمىغان يەردىن پۇتبول مۇنبىرىنى قايتا نامايان قىلالايدىغان بولدى، توپ مەستانىلىرى بۈگۈنكى پۇتبول دۇنياسىدا « قوش شاھ» نىڭ توپ مەيدانىدا بىۋاسىتە ئېلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيدىغان بولدى!


بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە مېسسى ھازىرغىچە ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 7 توپ كىرگۈزۈپ 4 ياردەمچى پاس بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 3 توپ (ھەممىسى نۇقتا توپ) كىرگۈزگەن، كىرىستىيانو رونالدو بولسا ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 10 توپ كىرگۈزۈپ 2 ياردەمچى پاس بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 2 توپ كىرگۈزگەن، ئىككى چولپان بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە خېلى ياخشى ھالەتنى ساقلىغان. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو ئىككىسى توپ كىرگۈزەلەمدۇ يوق؟ مەستانىلەرنىڭ كۈتىشىگە ئەرزىيدۇ!


نۆۋەتتە G گۇرۇپپىنىڭ نومۇر رەت تەرتىپىدە بارسېلونا بىلەن يۇۋېنتۇس بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىرىنچى بولۇپ گۇرۇپپىدىن چىقىش سالاھىيىتى بېكىتىلمىدى، ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان ئېلىشىشتا يۇۋېنتۇس 2 توپ ئۈستۈنلىكى بىلەن بارسېلونا كوماندىسىنى مەغلۇب قىلالىسىلا،   يۇۋېنتۇس بارسېلونا كوماندىسىنى كەينىدە قالدۇرۇپ   رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇندا ھالەتتە گۇرۇپپىدىن چىقالايدۇ! بۇنداق ئامىللار، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ رىقابىتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىپ، يۇۋېنتۇس چوقۇم بارسېلوناغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، گۇرۇپپىدا بىرىنچىلىكنى   قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىدۇ!


ئىككى كوماندىنىڭ تارىختا 5 مەيدان تۇتۇشۇش رىكورتى بولغان، بارسېلونا 3 مەيدان غەلبە، 2 مەيدان تەڭلىشىش بىلەن غەلبە قىلماي ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان، يۇۋېنتۇس بارسېلونا كوماندىسى ئالدىدا بىر مەيدان يىڭىش تەس، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يىڭىلمەسلىكتەك ئوڭايسىز ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلىيالامدۇ؟ بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 4 دە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى G گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ ، ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى بۇ مەيدان مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىدىغان بولۇپ ، تورداشلار ئەلكۈيى ۋىدىئو ئەپ دىتالى ۋە ئەلكۈيى سالونى ئارقىلىق مۇسابىقىنى بىۋاستە كۆرەلەيدۇ.

jang434.jpg未标题-2.jpg

分享到: