|
ئەسىر جېڭى: بارسېلونا vs يۇۋېنتۇس مۇسابىقىسىگە نەزەر發表時間:2020-12-08 21:32來源:تېڭشۈن تورى بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇسنى كۈتۈۋالىدۇ. ئالدىنقى ئايلانمىدا يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 2:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان، ئەينى ۋاقىتتا كرىستىيانو رونالدو يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك مەيدانغا چۈشەلمىگەن ئىدى، مانا ئەمدى مەيدانغا چىقىشىدا كۆپ مەسىلە يوق، شۇڭا بۇ مۇسابىقە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى مەستانىلەرنى ئەڭ تەقەززا قىلغان مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كرىستىيانو رونالدو خانلىق مادرىدتىن ئايرىلغاندىن كېيىن مېسسى بىلەن مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇچرىشىپ باقمىغان، بۇ ئۇلارنىڭ ياۋروپا سەھنىسىدە قايتا ئۇچرىشىشى، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ مەستانىلىرىمۇ ئىنتايىن ھاياجانلانماقتا. زادى كرىستىيانو رونالدو باشچىلىقىدىكى يۇۋېنتۇس غەلىبە قىلامدۇ ياكى مېسسى باشچىلىقىدىكى بارسېلونا يۇۋېنتۇسنى ئۇدا مەغلۇپ قىلامدۇ؟ قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز ئەلكۈيى ۋىدىئو ئەپ دىتالى ياكى ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىۋاستە تارقىتىشىغا دىققەت قىلىڭ! مۇسابىقە خارەكتېرى: 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسى مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 4:00 مۇسابىقە ئورنى: نوكەمپو توپ مەيدانى بۇ مۇسابىقىدىكى كۆرۈش نۇقتىلىرى: 1. بارسېلونا گۇرۇپپىدا بىرىنچىلىكىنى ساقلاپ قالالامدۇ؟ بارسېلونانىڭ رىقابەت ھالىتى تۇراقلىق ئەمەس، ئۇلار ئۇدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئالدىنقى ئايلانمىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كادىزغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇنداقلا مەيداندىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار بولدى، مۇداپىئە جەھەتتىكى مەسىلىلىرى تېخىچە ھەل بولمىدى. لېكىن، بارسېلونانىڭ بىرلەشمىدىكى ناچار ئىپادىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگىمۇ ئۇلانغىنى يوق، ئۇلار ئالدىنقى بەش مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ 15 نومۇر بىلەن گۇرۇپپىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، بۇ مۇسابىقىدە ئۇتتۇرمىسىلا گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇپ شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، بارسېلونا تۇنجى ئۇچرىشىشتا مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلغان، چوڭ نومۇر پەرقىدە ئۇتتۇرمىسىمۇ گۇرۇپپىدىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يۇۋېنتۇسنىڭ بېسىمى تېخىمۇ يۇقىرى، ھازىر مەستانىلەرنىڭ دىققىتىمۇ بارسېلونانىڭ قانداق قىلىپ گۇرۇپپىدىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى بولۇپ قالدى. 2. يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا «قىساس» ئالماقچى يۇۋېنتۇسنىڭ يېقىنقى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولماقتا، ئۇلار يېقىنقى سەككىز مەيداندا ئۇتتۇرۇپ باقمىدى، ئالدىنقى قېتىم ئۇتتۇرغىنى دەل ساھىبخان مەيداندا 2:0 نەتىجە بىلەن بارسېلوناغا ئۇتتۇرغان مۇسابىقە. لېكىن، ئەينى ۋاقىتتا كرىستىيانو رونالدو مەيدانغا چىقالمىغان، يۇۋېنتۇسنىڭ ھۇجۇم سېپىمۇ مۇتلەق تەسىرگە ئۇچرىغان، شۇڭا يۇۋېنتۇسنىڭ ئۇنداق ئەھۋالدا ئۇتتۇرۇپ قويۇشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ قېتىم كرىستىيانو رونالدو مەيدانغا چىقىدۇ، يۇۋېنتۇسنىڭ سەپ شەكلىمۇ ئالدىنقى قېتىمقىدىن بەكرەك تەق بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندىن بۇيانقى ئىپادىسى قالتىس بولماقتا، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنىڭ بارسېلونادىن «قىساس» ئېلىشى، شۇنداقلا گۇرۇپپىدىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى تالىشىشى بۇ مۇسابىقىدىكى چوڭ كۆرۈش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. 3. «قوش شاھ» تىركىشىشى، ئەسىر جېڭى باشلىنىش ئالدىدا يۇۋېنتۇس بىلەن بارسېلونانىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە بىر گۇرۇپپىغا ئايرىلىشى نۇرغۇن مەستانىلەرنى ھاياجانغا سالغان، لېكىن تۇنجى ئۇچرىشىشتا كرىستىيانو رونالدو يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك مەيدانغا چۈشەلمىدى، پۇتبول دۇنياسىنى زىل-زىلىگە كەلتۈرىدىغان «قوش شاھ» تىركىشىشىمۇ ئەمەلگە ئاشماي قالدى. لېكىن، بۇ قېتىم مەستانىلەر ئاخىرى ئارزۇسىغا يېتىدىغان بولدى! يۇۋېنتۇس بىلەن بارسېلونا گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولدى، ھازىر كىمنىڭ گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇشىدىن باشقا، كرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ ئۇچرىشىشى بۇ مۇسابىقىدىكى، ھەتتا بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆرۈش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بىرى 35 ياش، بىرى 33 ياش، كەلگۈسىدە بۇ ئىككى مەشھۇر پۇتبولچىنىڭ ئۆزئارا ئوينىغان مۇسابىقىسىنى كۆرۈش پۇرسىتى تېخىمۇ ئازلايدۇ، شۇڭا مەستانىلەر بۇ مۇسابىقىنى تۆت كۆزى بىلەن، ھاياجانلىق ئىلكىدە كۈتمەكتە! بەلكىم «ئەسىر جېڭى» دەپ مۇشۇ مۇسابىقىنى دېسەك تېخىمۇ ماس كېلىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ مۇسابىقىدە ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى كرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ مەيداندىكى شۇڭقاردەك قىياپىتى! ئاستىدىكى رەسىمنى چەكسىڭىز ئەلكۈيى تورى تەنتەربىيە قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىۋاستە تارقىتىشىدىن مۇسابىقىنى كۆرەلەيسىز |
|