新聞詳情

بارسېلونا كۇلۇبى: تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى يەنىلا مېسسى

發表時間:2020-12-09 00:29作者:ئەلكۈيى تورى來源:تېڭشۈن تورى


مېسسى بىلەن رونالدو ئاخىرى يەنە ئۇچرىشىدىغان بولدى.

بۈگۈن ئاخشام ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، بارسېلونا ئۆز مەيدانىدا يۇۋېنتۇس بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، بۇ دەۋردىكى ئەڭ ياخشى ئىككى توپچى يەنە بىر قېتىم بىۋاسىتە كۈچ سىنىشىدۇ. ھازىر ھەر ئىككى كوماندا گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولدى. بىردىنبىر يېشىلمىگەن نۇقتا گۇرۇپپىدا كىمنىڭ بىرىنچى بولۇشى. يۇۋېنتۇس ھازىر بارسېلونادىن ئۈچ نومۇر ئارقىدا، بارسېلونا تۇنجى ئايلانمىدا مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە يۇۋېنتۇسنى يەڭدى. يۇۋېنتۇس ئەمدى بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى توپ ئۈستۈنلۈك بىلەن يەڭگەندىلا (0:2 بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ)، ئاندىن گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولالايدۇ.

بارسېلونا كۇلۇبى ئىجتىمائىي ئالاقە ئاكونتىدا سۈرەت يوللاپ، مېسسى-رونالدو جېڭى ئۈچۈن تەشۋىقاتنى باشلىۋەتتى. سۈرەتكە مۇنداق قوشۇمچە قىلىندى: بۇ پۇتبول ساھەسىدىكى تارىخىي پەيت.

سۈرەتتە، مېسسىنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە «GOAT» (تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى) دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، بۇ بارسېلونانىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئاستىدىكى رەسىمنى چەكسىڭىز ئەلكۈيى تورى تەنتەربىيە قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىۋاستە تارقىتىشىدىن مۇسابىقىنى كۆرەلەيسىز

jang434.jpg





分享到: