|
ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى: بۇ مەيدان تىركىشىش زامان-ماكان ھالقىشقا ئوخشايدۇ發表時間:2020-12-09 00:30來源:جىبوبا تورى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا، بارسېلونا يۇۋېنتۇس بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. مېسسى بىلەن رونالدو ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت سەيشەنبە كۈنى ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ باش بېتىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىغا ئايلاندى. بارسېلونا بىلەن يۇۋېنتۇسنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە، رونالدو يۇقۇم سەۋەبىدىن ئوينىيالمىدى. بۇ قېتىم مېسسى بىلەن رونالدوغا بىر مەيداندا رىقابەتلىشىش پۇرسىتى كەلدى. «ماركا گېزىتى» مېسسى بىلەن رونالدونى باش بەتكە قويۇپ، «بۇ زامان-ماكان ھالقىشقا ئوخشايدۇ» دېگەن چوڭ ماۋزۇنى يازدى. بۇ گېزىتتە مۇنداق دېيىلدى: ئىككى يېرىم يىلغىچە بىۋاسىتە تىركىشىش پۇرسىتى بولمىغاندىن كېيىن، مېسسى بىلەن رونالدو ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتكە قايتىدىن ئوت تۇتاشتى. بارسېلونا باش ترېنېرى كومان مۇنداق دېدى: «ئۇلار يېقىنقى 15 يىلدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىككى توپچى، بىز بىرلىكتە ئۇلار تەپكەن پۇتبولدىن ھۇزۇرلىنايلى!». «دۇنيا تەنتەربىيە گېرىتى» گە «دوئىل قايتىپ كەلدى» دېگەن ماۋزۇ يېزىلىپ، مۇقاۋىغا كرىستىيانو رونالدو ۋە مېسسىنىڭ سۈرىتى بېسىلدى. شۇنداقلا ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان ئېرىشكەن ئالتۇن توپ ۋە ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتى سېلىشتۇرۇلدى. بۇ گېزىتتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «ئىككى يېرىم يىلدىن كېيىن، مېسسى ۋە رونالدودىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئىككى چوڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان 36-قېتىم تۇتۇشىدۇ، بارسېلونا 2:0 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان تەقدىردىمۇ، ئوخشاشلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرالايدۇ». «ئاس گېزىتى» گە «كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان دوئىل» دېگەن ماۋزۇ يېزىلىپ، جەمئىي 11 ئالتۇن توپقا ئېرىشكەن بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننىڭ ئىككى يېرىم يىلدىن كېيىن قايتا ئۇچراشقانلىقى ئىپادىلەندى. «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» بولسا پەقەت مېسسىنىلا مۇقاۋىغا قويۇپ، «ئۈمىد قايتىپ كەلسۇن» ماۋزۇدا بارسېلونانىڭ تولۇق غەلىبە بىلەن 16 كۈچلۈككە كىرىشگە بولغان ئارزۇسىنى بىلدۈردى. بۇنداق بولغاندا ئۇلار كادىزغا يېڭىلگەن ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدىكى ئوبرازىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. كومان كوماندا سادىر قىلغان خاتالىقلارغا ئىنتايىن ئاچچىقلاندى. يۇۋېنتۇس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، ئۇ سەپ شەكلىگە زور تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ. بەزى زاپاس ئەزالار توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، ئەمما بۇ گېزىت مېسسىنىڭ مەيدانغا چىقىش-چىقماسلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. ئاستىدىكى رەسىمنى چەكسىڭىز ئەلكۈيى تورى تەنتەربىيە قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىۋاستە تارقىتىشىدىن مۇسابىقىنى كۆرەلەيسىز |
|