|
تىسلا يىڭى زاۋۇت قۇرۇشنى توختاتتى發表時間:2020-12-11 12:04來源:ئۈندىدار سالونى خەۋىرى : 12-ئاينىڭ 8-كۈنى گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت شەھرىدىكى بىر مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى ۋاقىتلىق چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ چەكلەش بۇيرۇقى قىشلىق ئۇيقۇغا كىرگەن بىر يىلان تۈرى توپىنى قوغداش ئۈچۈن چىقىرىلغان. ئامېرىكىدىكى داڭلىق توكلۇق ئاپتوموبىل كارخانىسى بولغان تېسلا بۇ سەۋەبتىن گېرمانىيەدىكى زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشىنى جىددىي توختاتتى. گېرمانىيەدىكى ئىككى مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت شەھرىدىكى مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىگە جىددىي ئىلتىماس سۇنۇپ، سوت مەھكىمىسىدىن تېسلانىڭ دەرەخ كېسىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، تېخىمۇ كۆپ دەرەخلەرنى كېسىپ زاۋۇت قۇرۇش شۇ جاينىڭ قىشلىق ئۈچەككە كىرگەن يىلان تۈرى توپىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن. فرانكفورت مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى 8-چېسلا جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تېسلادىن ئورمانلارنى تازىلاش، كېسىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئېنىق قىلىپ كېسىم چىقارمىغان. مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «براندېنبۇرگ ئوبلاستلىق مۇھىت باشقۇرۇش ئىدارىسى تېسلادىن بۇ ئىشقا قارىتا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەمدە ئورتاق كېڭىشىش ئارقىلىق ئاندىن كېسىم چىقىرىدۇ». نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى مۇھىت باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن تېسلا كارخانىسى تەرەپ بۇ ئىشقا قارىتا ھېچقانداق بىر ئىپادە بىلدۈرمىگەن. تېسلا بۇلتۇر 11-ئايدا، گېرمانىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى براندېنبۇرگ ئىشتاتىنىڭ گرۇنخايدتا بىر دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت قۇرۇپ، ياۋروپا بازىرىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى پىلانلاپ بۇ ئىشنى خەلىقئاراغا ئېلان قىلغان. بۇ يىل 1-ئايدا تېسلا توكلۇق ئاپتوموبىل كارخانىسى مۇدىرىيىتى يەر سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلاپ، گېرمانىيە براندېنبۇرگ ئىشتاتىدىن 300 گېكتار يەرنى سېتىۋالغان. گېرمانىيە براندېنبۇرگ ئىشتاتىنىڭ مالىيەگە مەسئۇل تارماقلىرى بۇ سودىنى تەستىقلىغان ئىدى. بىراق بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى تەبىئىي قوغدىلىدىغان مۇھاپىزەت رايونىغا جايلاشقان بولغاچقا، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ۋە مۇھىت ئاسراش خادىملىرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ياغاچ كەسكەندە، شۇ جاينىڭ مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ ھەم ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۈيىنى بۇلغايدۇ، دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، زاۋۇت تۇرۇشلۇق براندېنبۇرگ ئوبلاستىدىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى تېسلاغا قۇرۇلۇش ئىجازىتى بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تېسلا توكلۇق ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ زاۋۇت سېلىنىدىغان 82.8 گېكتار يېرىدىكى ئورمانلارنى كېسىشىگە رۇخسەت قىلغان ئىدى. |
|