|
مېسسى كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسىدا تۇرىۋاتىدۇ發表時間:2020-12-13 19:40來源:تېڭشۈن تورى مېسسى ھازىر كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسىدا تۇرىۋاتىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ قاپقىغا توپ تېپىش قېتىم سانى ۋە قاپقا دائىرىسىدە توپ تېپىش قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. يۇۋېنتۇس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، بارسېلونا 3:0 نەتىجىدە مەغلۇب بولدى. بۇ مۇسابىقىدە ئۇلارغا توپ ئۇرۇش پۇرسىتى كەلمىدى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، مېسسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 11 قېتىم قاپقىغا توپ تەپكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە قېتىم قاپقا دائىرىسىدە توپ تەپكەن، بىر توپ قاپقا سىرتىغا چىقىپ كەتكەن، ئۈچ قېتىم توسۇۋېلىنغان. مېسسى تىرىشىۋاتىدۇ، لېكىن توپ كىرگۈزەلمەيۋاتىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى ئالتە مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىدە، بۇ مەيدان مۇسابىقە مېسسى ئەڭ كۆپ قېتىم قاپقىغا توپ تەپكەن مۇسابىقە بولۇپ قالغان. بىراق ئۇ توپ كىرگۈزەلمىدى. پېشقەدەم ماھىر بۇففون ئۇنىڭ بارلىق پۇرسىتىنى يوققا چىقاردى. مېسسىنىڭ قاپقىغا توپنى جىق تەپسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەسلىكى بىر جەھەتتە كوماندىنىڭ ئومۇمىي ئىپادىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ھازىر بارسېلونانىڭ ئوينىشى ئۇنچە راۋان ئەمەس، بۇ مېسسىنى بىر قەدەر ئوڭايسىز ئەھۋال ئاستىدا كوماندىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئۇ تەپكەن نۇرغۇن توپلار يا بەك ئۇدۇل مېڭىپ قالىدۇ، يا قاپقا سىرتىغا ئۇچۇپ كېتىدۇ. مېسسى ياخشى شېرىكى سۇئارېزنى سېغىنىشقا باشلىدى. چۈنكى بۇ ئۇرۇگۋايلىق ھۇجۇمچى مېسسى ئۈچۈن بىر قىسىم يۈكلەرنى ئۈستىگە ئېلىشىپ بېرەتتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بارسېلونانىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى قاپقىغا توپ تېپىش پۇرسىتىنىڭ ھەممىسى مېسسنىڭ بولدى. ئەمەلىيەتتە تەھدىت خاراكتېرلىك بارلىق ھۇجۇملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭدىن كەلگەن. كوماندىنىڭ مېسسىغا تايىنىۋېلىشى ناھايتى ئېغىر. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، مېسسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مەيداندا 5.93 قېتىم قاپقىغا توپ تەپتى، 2.89 قېتىم قاپقا دائىرىسىدە تەپتى. بۇ مېسسىغا نىسبەتەن ئالتە مۇسابىقە پەسلىدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ قېتىملىقى. بىراق ئۇ ھازىر ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاران 0.52 توپ كىرگۈزىۋاتىدۇ. يەنى ئۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11.43 قېتىم قاپقىغا توپ تەپكەندە ئاندىن بىر توپ كىرگۈزەلەيدۇ دېگەن گەپ. بۇ ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى. بىلىشىمىز كېرەككى، 2016-2017 مۇسابىقە پەسلىدە (MSN گۇرۇپىسى ھەمكارلاشقان ئاخىرقى يىل)، ئۇ 4.5 قېتىم قاپقىغا توپ تېپىپلا (قاپقا دائىرىسىدە 1.89 قېتىم) بىر توپ كىرگۈزەلەيتتى. پەقەت ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىلا ھېسابلىغاندا، مېسسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مەيداندا 5.27 قېتىم (قاپقا دائىرىسىدە 2.53 قېتىم) قاپقىغا توپ تېپىۋاتىدۇ، قارىماققا ئانچە كۆپ ئەمەستەك قىلسىمۇ، چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ھېسابلىغاندا، ئۇنىڭ قاپقىغا توپ تېپىش قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتتى. چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە، مېسسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مەيداندا 7.5 قېتىم (قاپقا دائىرىسىدە 3.75 قېتىم) قاپقىغا توپ تەپتى. كادىز ۋە يۇۋېنتۇس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، مېسسى ئوخشاشلا 11 قېتىم قاپقىغا توپ تېپىپ، بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىدى. بارسېلونانىڭ ئەڭ ياخشى توپچىسى كېسەل بولۇپ قالدى. |
|