新聞詳情

تۇرپاندىكى ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى بۇ يەرلەرگە بارغان

發表時間:2020-12-13 19:41作者:ئەلكۈيى تورى來源:مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى



12-دېكابىر، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا قەرەللىك نۇكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى جەريانىدا، مۇسبەت چىققان بىرەيلەنگە مۇتەخەسسىسلەر ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويدى. تۇرپان شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تارمىقى تېزدىن ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى بىلەن قويۇق ئۇچراشقۇچى ۋە قويۇق ئۇچراشقۇچىلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نۇكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈردى. ئۇنىڭ ئايالى (28 ياش) ، ئاپىسى (63 ياش) نىڭ نۇكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولغان. نۆۋەتتە، ئالامەتسىز تۆت يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھەممىسى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلمەكتە.

ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش ئەھۋالى مۇنداق:

ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 1، ئەر، 32 ياش، تۇرپان شەھىرى جىڭكەي رايونىدىكى بىر سودا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى خۇڭدۈن ئولتۇراق رايونىدا تۇرىدۇ. يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدىن چىقمىغان، 11 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن بۇيان دەم ئېلىش كۈنى ئۆيدە بولغاندىن سىرت، ھەر كۈنى نورمال ئىشقا بېرىپ كەلگەن، ئىشقا بارغاندا ئايالى بىلەن بىللە توكسىكلىتقا مىنىپ، ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى شىنچېڭ دۇڭمېن تۆت كوچا ئېغىزىدا توكسىكىلىتنى توختىتىپ، خىزمەتدىشىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ (ئاپتوموبىل ئىچىدە يەنە ئىككى خىزمەتدىشى بار، جەمئىي تۆت كىشى) ئىشقا بارغان. ئادەتتە ئۇچراشقانلار ئاساسلىقى شىركەتتىكى خىزمەتداشلار بولۇپ، چۈشلۈك تاماقنى شىركەتنىڭ ئاشخانىسىدا يېگەن، 17 كىشى بىللە تاماق يېگەن. ئىشتىن چۈشكەندە ئايالى بىلەن يەنە دوستىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ (ئاپتوموبىلدا يەنە ئىككى خىزمەتدىشى بار، جەمئىي تۆت كىشى)، يار بازىرى شىنچېڭ دۇڭمېن تۆت كوچا ئېغىزىدا ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، توكسىكلىت بىلەن ئۆيىگە قايتقان.

بۇ مەزگىلدە، 3-دېكابىر سائەت 21 ئەتراپىدا توكسىكلىت مىنىپ ئايالى، ئوغلىنى ئېلىپ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى بېزەكلىك يولىدىكى تاماقخانىدا تاماق يەپ، سائەت 23 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆيىگە قايتقان.

4-دېكابىر سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، توكسىكلىت مىنىپ تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى غەربىي ئايلانما يولىدىكى ۋاڭجى ۋەنكېلۇڭ تاللا بازىرىدىن تاماكا سېتىۋالغان، دۇكاندا دۇكان ئىگىسىلا بار بولۇپ، ئىككىلا تەرەپ ماسكا تاقىغان.

5-دېكابىر سائەت 21 دە، تۆت خىزمەتدىشى بىلەن بىرلىكتە تۇرپان شەھىرى جىڭكەي رايونىدىكى بىر ئاشپۇزۇلدا تاماق يېگەن، سائەت 21 دىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا خىزمەتدىشىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ زاۋۇتقا قايتىپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن، شۇ كۈنى كەچتە زاۋۇت ياتىقىدا تۇرغان.

7-دېكابىر سائەت 20 ئەتراپىدا، بەش خىزمەتدىشى بىلەن بىللە تۇرپان شەھىرى جىڭكەي رايونى جېلىل ئۇستام ئاشخانىسىغا بېرىپ تاماق يېگەن، كېيىن خىزمەتدىشىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ زاۋۇتقا كېلىپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن خىزمەتدىشىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتقان.

9-دېكابىر سائەت 8 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇرپان شەھىرى جىڭكەي رايونى شىنيۈ دۇكىنىدىن تاماكا سېتىۋالغان، دۇكاندا بىر پىرىكازچىك بولۇپ، ئىككىيلەن ماسكا تاقىغانىدى.

10-دېكابىر سائەت 21 ئەتراپىدا تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى شىنچېڭ دۇڭمېن تۆت كوچا ئېغىزىدىكى رېمونتخانىدا توكسىكلىتىنى رېمونت قىلغۇزۇپ، ئاندىن ئۆيىگە قايتقان، سىرتقا چىقمىغان.

ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 2، ئايال، 28 ياش، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 1 نىڭ ئايالى، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 1 ئىشلەيدىغان سودا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. 25-نويابىردىن بۇيان، دەم ئېلىش كۈنى ئۆيدە بولغاندىن سىرت، ھەر كۈنى نورمال ئىشقا بېرىپ كەلگەن. بۇ مەزگىلدە، 3-دېكابىر سائەت 21 ئەتراپىدا، يولدىشى، ئوغلى بىلەن تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى بېزەكلىك يولىدىكى بىر تاماقخانىدا تاماقلىنىپ، سائەت 23 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆيىگە قايتقان. 4-دېكابىر سائەت 17 ئەتراپىدا قېيىنئانىسى بىلەن توكسىكلىت ھەيدەپ دۇڭجياڭ توپ سېتىش بازىرىغا بارغان، ئۆزى توپ سېتىش بازىرىغا كىرمىگەن، سائەت 18 دە ئۆيىگە قايتقان.

ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 3، ئايال، 63 ياش، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 1 نىڭ ئاپىسى بولۇپ، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى خۇڭدۈن ئولتۇراق رايونىدا تۇرىدۇ. 25-نويابىردىن بۇيان، ھەر كۈنى ئۆيدە نەۋرىسىگە قارىغان، ئۆي ئىشلىرىنى قىلغان. بۇ مەزگىلدە، 4-دېكابىر سائەت 17 ئەتراپىدا كېلىنى (ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 2) بىلەن توكسىكلىتتا دۇڭجياڭ توپ تارقىتىش بازىرىغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋېلىپ، سائەت 18 دە ئۆيىگە قايتقان.

ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 1 ۋە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 2 نىڭ نۇكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولۇشتىن بۇرۇنقى 5-دېكابىردىكى نۇكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى مەنپىي چىققانىدى؛ ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 3 نىڭ نۇكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولۇشتىن بۇرۇنقى 7-دېكابىردىكى نۇكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى مەنپىي چىققانىدى.


分享到: