|
C罗ۋە ئالتۇن توپ مۇكاپاتى發表時間:2020-12-14 11:44來源:تىڭشۈن ئۈچ يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، كرىستىيانو رونالدو 2017-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا بۇ ئالتۇن توپ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدا ئېرىشكەن 5-قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى بولۇپ قالدى. 2017-يىلى كرىستىيانو رونالدو ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىدنى باشلاپ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. شەخسىي شەرەپلەردىن ئالتۇن توپ مۇكاپاتى، دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى، شۇ پەسىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى، شۇنداقلا يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2017-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى شاللاش باسقۇچىدا كرىستىيانو رونالدو ئەڭ ئاخىرقى بەش مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، 1/4 ھەل قىلغۇچ بايرېن مىيۇنخېن بولغان مۇسابىقىدە نويىر ساقلىغان قاپقىغا بەش توپ كىرگۈزگەن (مېھمان مەيداندا ئىككى توپ ساھىبخان ئىككى مەيداندا ئۈچ توپ)؛ يېرىم ھەل قىلغۇچ ساھىبخان مەيداندا مادرىد ئاتلېتكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئوبلاك ساقلىغان قاپقىغا ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ قالپاق ئويۇنى ئوينىغان؛ ھەل قىلغۇچ يۇۋېنتۇس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ خانلىق مادرىدنىڭ ئاخىرقى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىشىگە ياردەم قىلغان. بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى كرىستىيانو رونالدونىڭ ئىپادىسىنى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى شاللاش باسقۇچى تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس شەخسىي ئىپادىلىرىنىڭ بىرى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. 2017-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى باھالاشتا، كرىستىيانو رونالدو 429 نومۇر بىلەن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن ئالتۇن توپ ساھىبى بولۇپ قالغان. |
|