新聞詳情

«خىيالىي دۇنيا قورۇقى»  قانچىلىك پۇلغا يارايدۇ؟

發表時間:2020-12-14 11:53作者:ئەلكۈيى來源:ۋاڭيى تورى



مايكول جېكسون دېگەن بۇ ئىسىم ھەممەيلەنگە ناتونۇش ئەمەسقۇ دەيمەن، ئەينى يىللىرى ئۇ دۇنياغا داڭلىق چولپان ئىدى، ھەر قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىدە بېلەت سېتىۋېلىش تەس ئىدى، لېكىن مۇشۇنداق تالانتلىق ئىگىسى بۇ دۇنيادىن بالدۇرلا ئايرىلدى. گەرچە ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئىسمىنى ياد ئېتىپ تۇرىمىز. مايكول جېكسون ئىلگىرى 17 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ بىر «خىيالىي دۇنيا قورۇقى» سېتىۋالغان، شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر بۇ «خىيالىي دۇنيا قورۇقى» قانچە پۇلغا يارايدۇ؟

ئەمەلىيەتتە بۇ «خىيالىي دۇنيا قورۇقى» بىر چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق مەيدانى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مايكول جېكسون 17 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ دېھقانچىلىق مەيدانىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق مەيدانىغا ھەشەمەتلىك داچا سالدۇرغان. بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇنىڭ كۆلىمى مىڭ، چىڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرى ئولتۇراقلاشقان زىجىنچېڭدىنمۇ چوڭ بولۇپ، زىجىنچېڭدىن 10 ھەسسە چوڭ ئىكەن. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن مايكول جېكسون بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرغان. كېيىن بۇ «خىيالىي دۇنيا قورۇقى»نى كولونى سېتىۋالغاندىن كېيىن، يەنە قايتىدىن باشقىلارغا سېتىۋەتكەن.

«خىيالىي دۇنيا قورۇقى»دا ھەقىقەتەن ھەممە نەرسە بار، مەسىلەن، تەنتەربىيە مەيدانى، كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى، ھەتتا سۈنئىي كۆل، يەنە كىنوخانا، شۇنداقلا گۈللۈك قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن لايىھەنىڭ ھەممىسىنى مايكول جېكسون ئۆزى بېكىتكەن. بۇ «خىيالىي باغچا»دا پەقەت مايكول جېكسون بىرلا ئادەم بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەردە يەنە بىر قىسىم بالىلار، كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ بار.

كېيىن مايكول جېكسون بۇ «خىيالىي دۇنيا قورۇقى»نى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقاندا، بىر جۇڭگولۇق باي 500 مىليون يۈەن خەجلەپ «خىيالىي دۇنيا قورۇقى»نى سېتىۋالماقچى بولغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ «خىيالىي دۇنيا قورۇقى»نىڭ نەق قىممىتى نەچچە مىليارد يۈەنگە يەتتى. شۇڭا بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەقىقەتەن بىر بەخت ھېسابلىنىدۇ.

كۆپچىلىك مايكول جېكسوننىڭ بۇ «خىيالىي دۇنيا قورۇقى»نى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا مايكول جېكسون بۇ «خىيالىي دۇنيا قورۇقى»نى ھەقىقەتەن مۇكەممەل بەرپا قىلغان بولۇپ، خۇددى كىچىك بىر پادىشاھلىققا ئوخشايدۇ، خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، گەرچە مايكول جېكسون ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىسمىنى كىشىلەر مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.




分享到: