新聞詳情

بۇ جايلاردا تەتىل ئالدىغا سۈرۈلدى

發表時間:2020-12-14 13:12作者:ئەلكۈيى來源:中国维吾尔语广播CNR

قىش كىرگەندىن بۇيانقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرى، سۈيخۇا شەھىرى، يىچۈن شەھىرى قاتارلىق كۆپ قىسىم جايلاردا بالىلار باغچىسى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقتى 2021-يىلى يېڭى يىلنىڭ ئالدى-كەينىگە سۈرۈلدى.

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك مائارىپ تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: تەتىلگە قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرى تەربىيەسىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى شەخسىي قوغدىنىشنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلىشى كېرەك. ئەگەر يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تارماقلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا ئاڭلىق بويسۇنۇش كېرەك.



分享到: