新聞詳情

بېنزېما خانلىق مادرىدنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندى

發表時間:2020-12-14 16:21作者:ئەلكۈيى來源:今日头条




خانلىق مادرىد بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان مادرىد دېربىيسىدا ساھىبخان مەيداندا 0:2 نەتىجە بىلەن مادرىد ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مۇسابىقىدە بېنزېما ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى، شۇنداقلا خانلىق مادرىدتىكى 528-مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى ھەمدە كارلوستىن ئېشىپ خانلىق مادرىدقا ۋاكالىتەن ئەڭ كۆپ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان چەتئەللىك توپچىغا (ئىسپانىيەدىن باشقا دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ) ئايلاندى.


بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن بېنزېما 2009-يىلى 35 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن لىئوندىن خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان، مادرىد ئاتلېتكا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقە ئۇنىڭ خانلىق مادرىدتىكى 528-مەيدان مۇسابىقىسى، ئۇ بۇ 528 مەيدان مۇسابىقىدە 257 توپ كىرگۈزۈپ 138 ياردەمچى پاس چىقارغان، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىمۇ 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ سەككىز توپ كىرگۈزدى ھەمدە ئۈچ ياردەمچى پاس چىقاردى.

ئۇنىڭدىن باشقا، بېنزېما مونشېنگلادباخ بىلەن ئوينىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا كەسپىي ھاياتىدا كىرگۈزگەن توپىنىڭ سانى 350كە يەتتى. بېنزېما تارىختىكى تۆتىنچى بولۇپ 350 توپ كىرگۈزەلىگەن فىرانسىيەلىك توپچى بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېنرى (411 توپ)، روجېر كۇرتۇۋا (364 توپ) ۋە پلاتىنى (354 توپ) قاتارلىق فىرانسىيەلىك توپچىلارلا 350 توپ كىرگۈزگەن. بېنزېمانىڭ 350 توپ سانلىق مەلۇماتىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ خانلىق مادرىدتا 528 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 257 توپ كىرگۈزدى، لىئوندا 148 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 66 توپ كىرگۈزدى، فىرانسىيە كوماندىسىدا 81 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 27 توپ كىرگۈزدى.

بېنزېما نۆۋەتتە خانلىق مادرىدنىڭ داڭدار ھۇجۇمچىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ خانلىق مادرىدتىكى سانلىق مەلۇماتىلا ئەمەس، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى سانلىق مەلۇماتىمۇ ئىنتايىن قالتىس بولماقتا. ئۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا باسقۇچىدا جەمئىي 51 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن پەقەت ۋان نىستېلروي (50 توپ)، رائۇل (53 توپ)، كرىستىيانو رونالدو (67 توپ) ۋە مېسسى (71 توپ)لا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا باسقۇچىدا +50 توپ كىرگۈزەلىگەن.

بېنزېما 2005/2006 مۇسابىقە پەسلى لىئونغا ۋاكالىتەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىقىپ تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 15 مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزۈپ كەلدى.


分享到: