|
شىياۋمى 11 ئىلان قىلىندى發表時間:2020-12-15 11:57 چەتئەل تاراتقۇسى GizmoChinaنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شياۋمى 11 يۈرۈشلۈكى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن بلوگگېر ۋە ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچىلار شياۋمى 11 يانفونى 12-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تۈنۈگۈن مىكرو بىلوگدا شياۋمى 11نىڭ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى، ئېلىمىزدىكى ئېلان قىلىنىش ۋاقتى چەتئەلگە قارىغاندا سەل بالدۇر بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. شياۋمى 11نىڭ ئىككى خىل يانفون تىپى بار، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شياۋمى 11 (ئۆلچەملىك نۇسخا) ۋە 11 Proنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۈتۈن يۈرۈشلۈكىگە 120Hzنى قوللايدىغان ئېكران ئىشلىتىلگەن، Pro نۇسخىسىنىڭ ئېكران ئېنىقلىقى 2K بولۇشى مۇمكىن، بىر تەرەپ قىلغۇچ قىسمىغا سناپدراگون 888 ئىشلىتىلىدۇ. شياۋمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، Redmi مەھسۇلات باش نازارەتچىسى ۋاڭ تېنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شياۋمى 11نىڭ زاپاس مال مىقدارى ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ئەمەلىي تارتىلغان سۈرەتكە ئاساسلانغاندا، شياۋمى 11 ئۆلچەملىك نۇسخىسىغا تەدرىجىي ئۆزگىرىدىغان كۆك رەڭلىك كەينى قاپ ئىشلىتىلگەن، كەينى كامېرا چاسا شەكىلدە لايىھەلەنگەن، ئىچىدە ئىككى دانە چوڭ كامېرا، بىر دانە كىچىك كامېرا ۋە بىر دانە LED چىراغ بار. بۇنىڭدىن باشقا، شياۋمى 11 Pro يانفونى 100W تېزلىكتە زەرەتلەش تېخنىكىسىنى قوللىشى مۇمكىن. |
|