|
كىرىستيانو رونالدو發表時間:2020-12-15 12:22來源:ۋاڭيى تورى «فرانسىيە پۇتبولى» ژورنىلى بۇنىڭدىن نەچچە سائەت بۇرۇن، «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتى باھالاپ چىققان پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 كىشىلىك سەپ شەكلىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى كرىستىيانو رونالدو پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سول يان ھۇجۇمچى بولۇپ باھالىنىپ، مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگەن تاللانغان، باھالاش ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا رونالدو ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى مەزمۇنلارنى يېڭىلىغان. رونالدو ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ 2017-يىلى «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋاقىتتىكى سۈرىتىنى يوللىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قوشۇپ مۇنداق دەپ يېزىپ قويغان: «مەن فرانسىيە پۇتبولى باھالىشىدىكى پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 كىشىلىك سەپ شەكلىگە تاللىنالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان چۈش كوماندىسى! ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ھۆرمىتىم ۋە قايىللىقىمغا ئەرزىيدۇ. مەن بۇ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن بىر قاتارغا تىزىلغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، سىلەرگە رەھمەت» |
|