新聞詳情

ئاۋتىرالىيەدىكى ئوت ئاپىتى

發表時間:2020-12-15 12:47作者:ئەلكۈيى來源:ۋاڭيى تورى



چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى دۇنيا مىراسلىرىغا تەھدىت سالغىنىغا نەچچە كۈن بولمايلا نەچچە 10 مىڭ ئادەم بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدا كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى قىلىپ بولغان، دېڭىز ساھىلى تاقالغان، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئاممىنى تۇرالغۇسىنىڭ ئەتراپىغا قۇم خالتىسى تىزىۋېلىشقا ئۈندىگەن.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 13-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى جەنۇبىي ۋەلېس ئىشتاتى ۋە كىۋېنسلەند ئىشتاتى ئارىلىقىدىكى رايونلارنىڭ تېخى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى 475 مىللىمېتىرغا يەتكەندىن كېيىنمېتېئورولوگىيە ئىدارىسى يەنە «ناچار ھاۋارايىدىن ئاگاھلاندۇرۇش» چىقارغان. كىۋېنسلەند ئىشتاتىنىڭ مەركىزى بىرىسبەنمۇ مۇشۇ نوپۇسى كۆپ رايونغا جايلاشقان.


بىر ھەپتە ئىلگىرى فىرېيزېر ئارىلىدىكى ئاھالىلەر ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كىشىلەر ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايىنىڭ پەسىللىك ئوت ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشىدىن زور ئۈمىد كۈتكەن. ئالىملار ئاۋسترالىيە كىلىماتىنىڭ يازنىڭ باشلىرىدا مۇشۇنداق مۇقىمسىز بولۇشىدىكى سەۋەبنى لانىنا ھادىسىسى (بۇ ھادىسە تەسىرىدە ھۆل-يېغىن كۆپ بولىدۇ) ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى دەپ قارىدى.

يېڭى جەنۇبىي ۋەلېس ئىشتاتى جىددىي ئىشلار مەخسۇس خادىمى كارلېن يورك ئۆزلىرىنىڭ تۆت ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقى، بۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ كەلكۈندە ماشىنىغا قاپسىلىپ قالغانلىقى، شۇنداقلا 700دەك قۇتقۇزۇش تېلېفونى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېررانىڭ جەنۇبىدىكى بىر دۆلەتلىك باغچىدا ئورمان ئوت ئاپىتى يامراپ كەتتى. 2019-يىلىنىڭ ئوتتۇرىدىن 2020-يىلىنىڭ بېشىغىچە داۋاملاشقان ئاۋسترالىيە ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ كۆلىمى 12 مىليون گېگتارغا يەتتى، بىر مىليارد جانلىق ھاياتىدىن ئايرىلدى، مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.


分享到: