|
شىنجاڭ vs گۇڭدوڭ發表時間:2020-12-16 12:52來源:ۋاڭيى تورى خەۋىرى بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 20:00دىكى CBA دائىملىق مۇسابىقىىسىنىڭ 19-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئۇنداقتا مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بۇ مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى غەلىبە قىلالامدۇ؟ بۇ ئىككى كوماندا تارىختا 72 قېتىم مۇسابىقىلەشكەن، گۇاڭدوڭ كوماندىسى 51 قېتىم غەلىبە قىلىپ 21 قېتىم مەغلۇپ بولغان، دائىملىق مۇسابىقىدە 38 قېتىم ئۇچراشقان، 26 قېتىم غەلىبە قىلىپ 12 قېتىم مەغلۇپ بولغان. مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندىلار: شىنجاڭ كوماندىسى VS گۇاڭدوڭ كوماندىسى مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:00 مۇسابىقە ئورنى: جۇجى جىياڭ شۆيۈەنى تەنتەربىيە مەيدانى تېلېۋىزوردا ئۇلاپ تارقىتىش: CCTV5 ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى: گۇاڭدوڭ كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانمىدا 118-101 نەتىجىدە بېيجىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى؛ شىنجاڭ كوماندىسى بولسا ئالدىنقى ئايلانمىدا دەسلەپكى ئۈچ چارەك مۇسابىقىدە كەينىدە قالغان بولسىمۇ، لېكىن موتېيۇناس ۋە چى لىن قاتارلىق ماھىرلارنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرىشى ئاستىدا 121-112 نەتىجىدە تيەنجىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئابدۇسالام 354 كۈندىن كېيىن CBA مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلدى، جوۋ چى ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مۇھىمى شىنجاڭ كوماندىسىدىكى چى لىننىڭ يېقىنقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس بولدى، شۇنداقلا جوۋ چىدىن قالسىلا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ كۆپ نومۇر ئالىدىغان ئەزاسىغا ئايلاندى، بۇ قېتىم گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقە چى لىنغا نىسبەتەن چوڭ سىناق ھېسابلىنىدۇ. برۇكس ۋە ۋېمس VS جوۋ چى ۋە موتېيۇناس CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 2-باسقۇچقا قەدەم قويغاندىن كېيىن برۇكسنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولىۋاتىدۇ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە 38 نومۇر ئېلىپ كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قوشتى، ۋېمىسمۇ ئىككى مەيدان ئارام ئالغاندىن كېيىن يېقىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە تۇاقلىق ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۋاتىدۇ، برۇكسنىڭ توپ ئېلىپ مېڭىپ يەككىمۇ يەك تىركىشىش كۈچى، ۋېمسنىڭ تېز سۈرئەتتە بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۇلار گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى يادرولۇق كۈچ، شۇڭا شىنجاڭ كوماندىسى مۇداپىئە جەھەتتە دىققەت قىلىشى كېرەك. تيەنجىن كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە جوۋ چى ئارام ئالدى، بۇنىڭدىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ ئىچكى سېپى بىر قەدەر ئاجىز، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك نۇقتىسى دەل جوۋ چى ۋە موتېيۇناستىن تەشكىللەنگەن «قوش مۇنار»، شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىرلەشمىدىكى كونا رەقىب ھېسابلىنىدىغان بۇ ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. |
|