新聞詳情

بارسېلونا توپچىلىرى

發表時間:2020-12-16 13:08作者:ئەلكۈيى來源:سىنا تورى


ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە پارىژ سانت گېرمان بىلەن بارسېلونا ئوينايدىغان بولدى. نېيمار ۋە مباپپې باشچىلىقىدىكى پارىژ سانت گېرمان بارسېلوناغا نىسبەتەن شاللاش مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبلەرنىڭ بىرى. بىراق، ئىسپانىيە «ئاس گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بارسېلونا توپچىلىرى چەك تارتىش نەتىجىسىدىن يەنىلا رازى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە بۇ تېخى ئەڭ ناچار چەك ئەمەسكەن.

«ئاس گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بارسېلونا توپچىلىرىغا نىسبەتەن بۇ نەتىجە ئەڭ ناچار ھېسابلانمايدىكەن. پارىژ ھەقىقەتەن بىر كۈچلۈك كوماندا، ئۇلار بارسېلونا توپچىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئەمما پارىژغا چەك تارتىلغانلىقى بارسېلونا توپچىلىرىنى لىۋېرپول ياكى بايرېندەك قورقۇنچقا سالالمايدۇ. لىۋېرپول ۋە بايرېن بارسېلوناغا ئۇلارنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى يېقىنقى ئىككى يىلدىكى قاباھەتلىك چۈشىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بارسېلونا توپچىلىرى گۇاردىئولا باشچىلىقىدىكى مانچېستېر شەھىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىشنى خالىمايدىكەن.


分享到: