新聞詳情

ئالماM1ئۆزىكى

發表時間:2020-12-16 13:39作者:ئەلكۈيى來源:توۋتىياۋ


ئالمىنىڭ M1 ئۆزىكىنى بازارغا سېلىشى ئىنتېلنى بىر كاچات سالغانغا باراۋەر بولدى، چۈنكى بۇ ئالمىنىڭ 5، 10 يىلىق ئەجرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكىگە نىسبەتەن، كۇۋالكومنىڭ كەسىپداش باشقا شىركەتلەردىن كەلگەن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كۈچى بار، ئەگەر ئالما بېقىنىشتىن قۇتۇلماقچى بولسا، تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىشى كېرەك.

ئالما تۇنجى ئىچكى ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى باشلىدى. ئالما شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يىغىننىڭ بىر جۈملە سۆزىنى تاراتقۇلار تارقاتقاندىن كېيىن، كۇۋالكوم مەبلەغ سالغۇچىسىنى ساراسىمىگە سالدى.

جۈمە كۈنى بازار يېپىلغانغا قەدەر، نۆۋەتتە ئالما iPhone 12 يۈرۈشلۈكىنى ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكى بىلەن تەمىنلەيدىغان كۇۋالكومنىڭ باھاسى %7.36تىن 144.28 ئامېرىكا دوللىرىغىچە چۈشكەن، بۇ تۆۋەنلەش بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چۈشۈش بولۇپ،كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ بازار قىممىتىدىكى 13 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىر كېچىدىلا پارغا ئايلانغان.


苹果一句话,高通大跌,芯片业要变天?

1. نېمە ئىش يۈز بەردى؟

12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالما قاتتىق دېتال تېخنىكىسى تارمىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لىدىرى جونى شرۇجى (Johny Srouji) بىر قېتىملىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىندا ئاشكارىلىشىچە، ئالما تۇنجى ئىچكى قىسىمدىكى ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى باشلىغان، بۇ ئالمىنىڭ كېيىنكى ھالقىلىق تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

ئاساسىي بەلباغ-ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوندىكى بىر ئاچقۇچلۇق زاپچاس بولۇپ، ئۇنىڭ رولى يانفوندا سۆزلىشىشنى قوللاش ھەمدە ھەرە كۆنىكىسىمان تور ئارقىلىق ئالاقە تورىنى ئۇلاشتىن ئىبارەت.

شرۇجىنىڭ قارىشىچە، ئالمىنىڭ كەلگۈسىدە تېخنىكا جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

بۇلتۇر 7-ئايدا ئالما شىركىتى ئىنتېل شىركىتىنىڭ كۆپ قىسىم ئەقلىيفون ئاساسىي بەلبېغى ئۆزەك كەسپىنى بىر مىليارد دوللارغا سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە 12-ئايدا ئىككى تەرەپ سودىنى رەسمىي تاماملىغان.

سودا پۈتكەندىن كېيىن، ئالما شىركىتى 17 مىڭ تۈرلۈك سىمسىز تېخنىكا پاتېنتىغا ئېرىشكەن، تەخمىنەن 2200 نەپەر ئىنتېل خىزمەتچىسى ئالمىغا قوشۇلغان، بۇ ئالمىنىڭ كۇۋالكومغا تايىنىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

iPhone 12 يۈرۈشلۈكىدىن بۇرۇن ئالما ئىلگىرى كۇۋالكوم ئاساسىي بەلبېغى ئۆزىكىنى ئىشلەتكەن. ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پاتېنت جېڭى سەۋەبىدىن ئالما شىركىتى يېرىم يولدا كۇۋالكوم بەلبېغىنى ئىشلىتىشنى توختىتىپ، ئىنتېل بەلبېغىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان.

2019-يىلى ئالما شىركىتى بىلەن كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ ئالما شىركىتىنىڭ بىر قېتىمدىلا كۇۋالكوم شىركىتىگە پۇل تاپشۇرۇشىغا قوشۇلغان، ئاندىن مۇددىتى ئالتە يىللىق ھوقۇق بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، iPhone 12 يۈرۈشلۈكىگە كۇۋالكوم بەلبېغىنى قايتا ئىشلىتىشىگە ئاساس سالغان.

گەرچە شرۇجى پەقەت يۈزەكىيلا بىر پىلاننى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئالمىنىڭ ئۆزى تەتقىق قىلىدىغان ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكىنىڭ قاچان سېتىپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان، يۇقىرىقى خەۋەر ئېلان قىلىنىپ، پەيشەنبە كۈنىدىن بۇيان پاي چېكى باھاسى بىر مەھەل %5 تۆۋەنلىگەن.

كۇۋالكومدىن باشقا، ئالمىنى رادىيو چاستوتا ئۆزىكى بىلەن تەمىنلەيدىغان باشقا تەمىنلەش سودىگەرلىرىنىڭمۇ باھاسى تەڭلا تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئايرىم ھالدا %1، %3.59 ۋە %4.33 بولغان.

بىر ئاي ئىلگىرى، ئالما شىركىتى M1 ئۆزىكى سەپلەنگەن ئۈچ خىل كومپيۇتېرنى ئېلان قىلغان، كېيىنكى باھالاشلاردىن قارىغاندا، ARM قۇرۇلمىسى ئاساسىدىكى M1 ئۆزىكى چىقىشى بىلەن ئىنتېلنىڭ پاي باھاسى ئۆتكەن يېرىم يىلدا تەخمىنەن %16 تۆۋەنلىگەن.

苹果一句话,高通大跌,芯片业要变天?

2. ئۆزەكچىلىك كەسپىدىكى بۇرۇلۇش

ئالمىنىڭ تەتقىقات كۈچى بوش ئەمەس، M1 ئۆزىكى ئەڭ تىپىك مىسالدۇر. ئەمما ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالما شىركىتىنىڭ كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.

ئانالىزچى كىرىس كاسو (Chris Caso) مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرقى مەسىلە، ئالما ئۆزى تەتقىق قىلىدىغان ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقى، شۇنداقلا قاچان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى. ئالمىنىڭ ئېچىش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىنچىلىقى تېخى روشەن ئەمەس.

ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكى iPhone ئۈچۈن ئەڭ ھالقىلىق زاپچاسلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان تور مۇھىتىدا راۋان خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كۈچەپ تەڭشەش لازىم، بۇنىڭ ئۈچۈن خەۋەرلىشىش ساھەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش زۆرۈر بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېتەرلىك ۋاقىت كېرەك.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تور تىجارەتچىلىرىنىڭ تور ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، ئىشلىتىدىغان سىگنال چاستوتىسىمۇ ئوخشىمايدۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرۇلغان تۈرلۈك ھەقىقىي مۇھىتقا تەقلىد قىلىنغان تەجرىبىخانىلىرى سىناق قىلىپ تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى تىجارەت سودىگەرلىرى بىلەن بولغان زىچ ھەمكارلىقىمۇ ئۇزۇن يىلار داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈن، بۇلار ئۇنىڭ كۈچلۈك قورغىنىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

بېرنستېين رېسارچ (Bernsteinn Research)نىڭ ئانالىزچىسى جۈمە كۈنىدىكى دوكلاتتا مۇنداق دېدى: گەرچە ئالما يېرىم ئۆتكۈزگۈچ لايىھەلەشتە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكىنىڭ لايىھەلىنىشىدە ناھايىتى زور يېتەرسىزلىك بار.

ئانالىزچى مايك ۋالكلېي (Mike Walkley)مۇ ئوخشاشلا ئالمىنىڭ كۇۋالكومغا تايىنىۋېلىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن نەچچە يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىشى مۇمكىنلىقىنى، كۇۋالكومنىڭ ئالمىدىن خېلى ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ كۇۋالكوم شىركىتى ۋە يۇقىرىدا ئېيتىلغان رادىيو چاستوتا ئۆزىكى بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، گەرچە ئۇلاردا ئالما شىركىتى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشلار بىر كېچىدىلا يۈز بەرمەيدۇ، ئالما شىركىتىنىڭ ھۇجۇمى بىلەن تەڭ، ئۇلار يەنە يېتەرلىك ۋاقىتقا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىلغار ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ.




分享到: