新聞詳情

ئەڭ غىرىبانە ئۆي

發表時間:2020-12-16 13:41作者:ئەلكۈيى來源:تېڭشۈن تورى خەۋىرى


ئەنگلىيە «كۈندىلىك يۇلتۇز گېزىتى» نىڭ 14-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «دۇنيادىكى ئەڭ غېرىبانە ئۆي» دەپ ئاتالغان بۇ چىرايلىق ئۆي تۆت ئەتراپى دېڭىز بىلەن قورشالغان بىر يىگانە ئارالغا سېلىنغان بولۇپ، گەرچە بۇ ئۆينىڭ مۇشۇ ئارالدا تاشلىنىپ تۇرغىنىغا تەخمىنەن يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن قارىماققا كىشىگە يەنىلا خۇددى بالىلار چۆچەكلىرىدىكىگە ئوخشاش سىرلىق تۇيغۇ بېرىدۇ.

بۇ «غېرىبانە ئۆي» ئىسلاندىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر يىگانە ئارالغا جايلاشقان بولۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى «ھەممىدىن خالىي خىلۋەت جاي» ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن ئارال ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغان بولۇپ، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل، يىراقتىن قارىغاندا تىپتىنچ كۆرۈنگەندىن باشقا يەنە بۇ جايدا كېمە-پاراخوتلار توختايدىغان پىرىستان ياكى ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدىن ئەسەرمۇ يوق، ھەقىقەتەنمۇ پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان جاي دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا بەزىلەر چاقچاق قىلىپ: «مۇشۇ يەرگە كېلىپ يۇقۇمنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ساقلاش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ» دەيدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرت بۇ جاي يەنە كۆپلىگەن يالغۇزلۇقنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئارام ئېلىش ئورنى بولالايدۇ، چۈنكى بۇ خىل ئىشىكتىن چىقىپلا كەڭ كەتكەن دېڭىزغا يۈزلىنىپ، باھاردىكى گۈللەرنىڭ ئېچىلىشىنى ۋە كەچكى شەپەقنى تاماشا قىلىش ئادەم ناھايىتى ھاياجانلاندۇرىدۇ. لېكىن بىلىشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، بۇ ئارالدا ناچار ھاۋا رايىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر يوق، شۇڭا بۇ يەرگە كەلمەكچى بولغانلار ئۆزى ئامال قىلىپ كۈچلۈك بوران ۋە قاتتىق سوغۇققا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆيدىمۇ ئىلگىرى باشقىلار تۇرۇپ باققان. يەنى 18-ئەسىر ۋە 19-ئەسىرلەردە ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇ جايدا تۇرۇپ باققان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئائىلىلىكلەر 20-ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا بۇ يەردىن ئايرىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇققا كۆچۈپ كېلىپ ياشىغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇزۇن مەزگىل ئادەم ئولتۇرمىغان بۇ يىگانە ئارالدىكى ئۆي نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىغا سەۋەبچى بولغان بولۇپ، بۇ ئۆي توغرىسىدا كىشىلەر ھەر خىل پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بەزىلەر: «بۇ ئۆيدە بىر تەركىدۇنيا بولۇپ كەتكەن كىشى بۇرۇندىن ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن» دېسە، يەنە بەزىلەر: «يىگانە ئارالدىكى بۇ ئۆينى بىر داڭلىق ناخشىچى سېتىۋالغان ئىكەن» دەپ پەرەز قىلىشقان.

بىراق ئەمەلىيەت بۇ پەرەزلەرنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئەمەلىيەتتە ھازىر بۇ ئارال ئىسلاندىيەدىكى بىر ئوۋچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ جاي يەنە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇڭا بۇ خەۋەر چىقىشى بىلەنلا، يالغۇز ياشاشنى ۋە خام-خىيال قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ ئارالدا ياشاشتىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇسى ئۈزۈل-كېسىل بەربات بولغان.

بۇ كىچىك ئارالدا يەنە بىر خىل دېڭىز قۇشقىچى ياشايدىغان بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ ئارالدىكى سانى ناھايىتى كۆپ. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئارال نۇرغۇن ئىسلاندىيەلىك كىشىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ ئوۋلاشقا جەلپ قىلغان. شۇنداقلا كېيىن ئوۋچىلىق جەمئىيىتى بۇ يەردە قايتىدىن كىچىك ئۆي ياساپ، كىشىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن. بىراق ھازىرغىچە بۇ ئۆيدە سۇ، توك يوق، پەقەت بىر يامغۇر سۈيىنى يىغىش سىستېمىسىلا بار بولۇپ، بۇ ئارقىلىق يۇيۇنغىلى بولىدۇ.


分享到: