|
ۋولكىسۋاگىن ۋە توكلۇق ئاپتوموبىل發表時間:2020-12-16 14:02來源:ۋاڭيى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، ۋولكسۋاگېن گۇرۇھىنىڭ CEOسى ھېربېرت دىس (Herbert Diess) بىر قېتىملىق ئىچكى ۋىدىيولۇق يىغىندا بىلدۈرۈشىچە، شىركەت گېرمانىيە ۋولفسبۇرگدىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان، تېسلانىڭ بېرلىن ئەتراپىدا قۇرغان «دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇتى» بىلەن رىقابەتلىشىدىكەن. ھېربېرت دىسنىڭ دېيىشىچە، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 800 مىڭ دانىدىن ئاشىدىغان بۇ زاۋۇتتا ئەڭ يېڭى توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان ۋە يۇمشاق دېتال مەشغۇلاتى بىلەن ئەلالاشتۇرغان. ئۇنىڭ نىشان بۇ زاۋۇتنىمۇ ئېلون ماسك بېكىتكەن ھەر ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتىنى 10 سائەتكە قىسقارتىش نىشانىغا يەتكۈزۈش ئىكەن، بۇ ۋاقىت مەزكۇر زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاساسلىق ئاپتوموبىل تىپى گولف ۋە تىگۈەننىڭ نۆۋەتتىكى قۇراشتۇرۇلۇش ۋاقتىنىڭ يېرىمىغا بارمايدۇ. ھېربېرت دىس يەنە ۋولكسۋاگېننىڭ چوقۇم مۇقىم تەننەرخنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، رىقابەت كۈچىنى ساقلاش كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىدى، چۈنكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تەسىرى بىر قىسىم رىقابەتچىلىرىنىڭ قۇرۇلمىنى ئىخچاملاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. |
|