|
موتورولانىڭ يېڭى يانفونلىرى發表時間:2020-12-17 20:07來源:تور دۇنياسى موتورولا نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى بىر يانفوننى چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ ئىككى تىپتىكى يانفونى FCCنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكەن. بۇ يانفوننىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئىسمى Capri بولۇپ، HD+ سۇ تامچە ئېكرانى ۋە سناپدراگون 460 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىكەن. ئىچكى سىغىمى 4GB، ساقلاش بوشلۇقى 64GB بولۇپ، ئارقىسىغا تۆت كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كامېرا چوڭقۇر كۆزىتىشچان كامېرا ۋە مىكرو ئارىلىق كامېراسى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يانفونغا 5000 مىللىئامپېرلىق باتارېيە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، 19 ۋاتلىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدىكەن، ئەپسۇس، مەزكۇر يانفون پەقەت 4G تورىنىلا تونۇيدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يانفوننىڭ ئىسمى Moto G10 Play بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ھازىرچە يانفوننىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ئېنىق ئەمەس |
|