新聞詳情

رونالدو بىلەن مېسسى ئۇدا 14 قېتىم

發表時間:2020-12-18 03:57作者:ئەلكۈيى تورى來源:تېڭشۈن تورى

يۇۋېنتۇس توپچىسى كرىستىيانو رونالدو FIFA يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىردى، بۇ ئۇنىڭ ئۇدا 14 قېتىم بۇ سەپ شەكلىگە كىرىشى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارسېلونا كاپىتانى مېسسىمۇ ئۇدا 14 قېتىم بۇ سەپ شەكلىدىن ئورۇن ئالدى!

مېسسى بىلەن كرىستىيانو رونالدو ئوخشاشلا 2007-يىلىدىن باشلاپ FIFAنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرىشكە باشلىغان، ھازىرغىچە جەمئىي 14 قېتىم بۇ ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، بۇ پۇتبول تارىخىدىكى يېتىش ئىنتايىن تەس بولغان رېكورتلارنىڭ بىرى، بۇ ھەم «قوش شاھ»نىڭ يۇقىرى پەللىدە ئۇزۇن يىل تۇرغانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى ھېسابلىنىدۇ.

2020-يىللىق FIFA ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى: ئالىسسون، ئارنولد، ۋاندىك، راموس، ئالفونسو داۋىس، تىياگو، دېبرۇينې، كىممىچ، كرىستىيانو رونالدو، لېۋاندوۋىسكى، مېسسى


分享到: