新聞詳情

لۇسسى دۇنيا پۇتبول خانقىزى بولدى

發表時間:2020-12-18 04:47作者:ئەلكۈيى تورى來源:ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىشى




مانچېستېر شەھىرى بېكى لۇسسى-بىرونىس 2020-يىللىق خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ سايلاندى، باشقا تىزىملىككە كىرگەنلەردىن يەنە پېنىل-خاد ۋە ۋېندى -لېنار بار. بلونز شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يىللىق ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى سەپ شەكلىگە كىردى.

لىئونغائۈچ يىل كۈچ چىقارغاندىن كېيىن، بۇ يىل يازدا بىرونىس مانچېستېر شەھىرىگە قايتىپ كەلدى. لىئون دەۋرىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ۋە فىرانسىيە ئاياللار پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

لۇسسى-بىرونىس   مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىيىن : «بۇ ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش بولدى، مەن باشقا ئىككى توپچى بىلەن بىللە نامزات كۆرسىتىلدىم، مەن ئۇلارنى بەك چۈشىنىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان توپچىلار، شۇنداقلا ئىنتايىن ياخشى ئادەملەر. ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ ھېسسىياتىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. ئەگەر 2020-يىلى بىزگە نېمە ئۆگەتتى دېيىلسە، ئۇنداقتا ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەش كېرەك. ھازىر مەن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مەن ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ مىننەتدار، مەن بۇ پەيتنى مەڭگۈ ئېسىمدە ساقلايمەن. » دېدى.


分享到: