新聞詳情

ئامەتلىك لاتارىيەچى چېن ئەپەندى 890475 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

發表時間:2020-12-18 11:31作者:ئەلكۈيى تورى來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

11- ئاينىڭ 1- كۈنى كەچ، « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2020108-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، كورلا شەھىرىگە كاماندىروپكىغا چىققان ئۈرۈمچىلىك لاتارىيەچى چېن ئەپەندى 5 دو 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 890475 يۈەن بولدى. ئەتىسى ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈردى.

چېن ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى ئۆ كورلىغا كاماندىروپكىغا چىققان. چۈش سائەت 2 دىن ئاشقاندا، ئۇ كورلا شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ يېشىللىق باغچىسى يېنىدىكى 65280222 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتكەن، ئۇ شۇ كۈنى دەل ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى سېتىۋېلىپ، تۇغۇلغان كۈنىدە تەلىينى سىناپ باقماقچى بولدى. چېن ئەپەندى نومۇر تاللاپ، بەش ھەسسە دو تىكتى. مانا بۇ لاتارىيە بېلىتى بىلەن ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، 5 دو قوش رەڭلىك توپ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 890475 يۈەن بولدى.

چېن ئەپەندىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆزى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇپ، ئۇ دائىم كاماندۇرۇپكىغا چىقىدىغان بۇلۇپ، شۇڭا ئۇ نەگە بارسا شۇ يەردە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدىكەن. ـــ «مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزگەنلىك بۇلىدۇ، بەلكىم يەنە مۇكاپات چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن! مانا، تەلەي بۈگۈن كەلدىغۇ!»- چېن ئەپەندى ئۆزىگە كاتتا مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ناھايىتى خۇشال بولدى، بىرىنچى بولۇپ بۇ خۇشخەۋەردىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، چېن ئەپەندى پويىزدىن چۈشۈپلا ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەخلەشتۈردى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:« ئايالىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن ئىنتايىن خۇشال بولدى، مۇكاپاتنىڭ قىسىمىنى بۇنىڭدىن كىيىنكى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن، ۋە داۋاملىق پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللايمەن، شۇنداقلا ياخشى ئامەتنىڭ ماڭا يەنە بىر قېتىم كىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن»-دېدى.

3.png

分享到: