新聞詳情

2020-يىلى يۈز بەرگەن چوڭ ئىشلار تىزىملىكى

發表時間:2020-12-18 12:38作者:ئەلكۈيى تورى來源:تور دۇنياسى



2020-يىلنىڭ ئاخىرلىشىشىغا يەنە 10 نەچچە كۈنلا قالدى. پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يىل خىلمۇخىل قىيىنچىلىق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە تولغان بىر يىل بولدى. بۇ يىل شەرقىي ئافرىقا رايونى 10 مىلياردتەك سېرىق چېكەتكىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، 100 مىڭ ئادەم كالىفورنىيە ئىشتاتى تاغلىق رايون ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلدى، 63 مىليون ئادەم كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئارقا-ئارقىدىن كېلىۋەرگەن تەبىئىي ئاپەت كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلىكتە قالدۇردى. تۆۋەندە بىز بۇ بىر يىلدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتەيلى.

ئاۋسترالىيەدىكى تاغلىق رايون ئوت ئاپىتىنى 2020-يىلى كونترول قىلىش مۇمكىن بولمىدى، 500 مىليون جانلىق دەھشەتلىك ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.

فىلىپپىندىكى تائال يانار تېغى پارتلاپ نەچچە مىڭ ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى، يانار تاغ كۈلى ئەتراپتىكى رايونلارنى بىر ئالدى.

1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇكرائىنانىڭ بىر ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 167 نەپەر يولۇچى، توققۇز ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى.

2-ئاينىڭ 6-كۈنى تىرامپ «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ باش بېتىدىكى «تىرامپ گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلدى» دېگەن ماقالىنى كۆپچىلىككە كۆرسەتمەكتە. 2019-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ تىرامپ «تېلېفون ۋەقەسى» (电话门) سەۋەبلىك ئەيىبلەندى، بەش ئايدىن كېيىن ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى تىرامپقا قارىتىلغان ئىككى تۈرلۈك ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلدى، ئۇمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلمىدى.

70 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر سېرىق چېكەتكە ئاپىتىگە ئۇچرىغان كېنىيە. نەچچە مىليون چېكەتكە كىشىلەرنى يېمەكلىك قىس بولۇش خەۋپىگە دۇچار قىلدى.

2-ئايدىن باشلاپ ياپونىيەدە توختىتىلغان «ئالماس مەلىكە» ناملىق پاراخوتتا بىراقلا نەچچە يۈز ئادەم يۇقۇملاندى.

2-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوكاياما ناھىيەسىدە ئەنئەنىۋىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى كوبىنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بىر ئاي ئىلگىرى كوبى ۋە قىزى تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلىپ پۈتۈن دۇنيادىكى توپ مەستانىلىرىنى ھەسرەتتە قويدى.

بالكوندا مۇزىكا ئورۇنلاۋاتقان ئايال. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تاقىلىشى بىلەن ئىتالىيەنىڭ «بالكون كونسېرتى» پۈتۈن دۇنيانىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

ئولىمپىك لوگوسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ياپونىيە پۇقراسى. يۇقۇم پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدا يامرىغاندىن كېيىن 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى جاكارلاندى.

تاللا بازىرىدىن تالىشىپ مال ئېلىۋاتقان ئامېرىكىلىقلار.

يۇقۇم پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدە يامرىغاندىن كېيىن، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭىنىڭ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.

3-ئاينىڭ باشلىرىدىكى لوندون كوچىسى

ميۇنخىن مېترو بېكىتى

پارىژ دېلا كونكورد مەيدانى

3-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى سان فىرانسىسكو كوچىسى.

3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىتالىيەدىكى جەسەت ساندۇقى يۆتكەش ئەترىتى.

3-ئاينىڭ 28-كۈنى نيۇيوركلۇق فوتوگراف بىرىتتەينى نېۋمەن (Brittainy Newman) بىلەن ئانىسىنىڭ «ئايرىۋېتىلگەن كەچلىك تامىقى».

3-ئاينىڭ 30-كۈنى نيۇيورك دوختۇرخانىسنىڭ خىزمەتچىسى سوغۇق ساقلايدىغان پىرېتسىپقا چېتىلغان چېدىرغا قارىماقتا. چېدىردا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتى قويۇلغان.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى سىرتقا چىقىشقا تەقەززا بولغان ئوخايو خەلقى.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى نيۇيوركتىكى جەسەت ساندۇقى لىق تولغان دەپنە ئىدارىسى.

چېرنوبېل ئورمانلىقى چەكلەنگەن رايونىدا يۈز بەرگەن ئېغىر ئوت ئاپىتى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بۇ ئوت ئاپىتىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

4-ئاينىڭ 20-كۈنى نيۇيوركتىكى برۇكلىن دوختۇرخانىسى سوغۇق ساقلاش پىرېتسىپىغا لىق تولغان جەسەتلەر.

5-ئاينىڭ 24-كۈنى نيۇيوركنىڭ ئايرىش رايونىدىكى مومىسى بىلەن ئۇچرىشىش.

5-ئاينىڭ 25-كۈنى بىرازىلىيە مانائۇس پورتىدىن بىر كۈن ئىچىدە يېڭىدىن قېزىلغان قەبرىلەر.

قىزىل رەڭلىك رۇسىيە دەريا ئېقىنى.

توڭ تۇپراقنىڭ ئېرىشى، نېفىت باكىنىڭ يېرىلىشى سەۋەبلىك سىبېرىيە ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى توك تارقىتىش پونكىتىدىكى 20 مىڭ توننا دىزېل مېيى شىمالىي مۇز ئوكيان ۋە بىر قىسىم دەريالارغا ئېقىپ كىردى.

قارا يامغۇردا پاناھ ئىزدەۋاتقان ئامما. 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا «ئامپان» (Amphan) ناملىق ئۇراگان بورىنى ھىندىستاننىڭ شەرقى ۋە بېنگالدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ 100 نەچچە ئادەم قازا قىلدى، 4 مىليون ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى.

دېزىفېكسىيە قىلىنىۋاتقان تىببىي خادىم. 6-ئايدىن باشلاپ كونگودا يەنە بىر قېتىم «ئېبولا ۋىرۇسى» يامرىدى.

6-ئاينىڭ 10-كۈنى قەبرە قازغۇچىلار مېكسىكا شەھەر سىرتىدا يېڭى قەبرە قازماقتا.

يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى مېكسىكا كوچىسى.

6-ئاينىڭ 23-كۈنى مېكسىكىدا 7.5 بال يەر تەۋرەپ نۇرغۇن ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىدى.

شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىگە «ئوت كەتتى»، بىر قىسىم رايونلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن 16 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولدى.

تايلاندنىڭ چىڭمەي شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى «بىر مېتىرلىق قالپاق» كىيىپ بىخەتەر ئارىلىق ساقلىدى.

گېرمانىيە ياۋروپادىكى يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئاۋۋال، ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. باۋارىيەدىكى ئىچكى كابېنت ئەزالىرى تۇنجى قېتىم يىغىن ئورنىنى ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان چىملىققا يۆتكىدى.

مېكسىكىنىڭ گۇئادالاخارا شەھىرىدىكى بىر تەنتەربىيە سارىيىدا مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى ھەتتا پۇتبولمۇ دېزىنفېكسىيە قىلىندى.

بۇ يازدا ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ئۆزگەردى، ماسكا تاقاش، ئارىلىق ساقلاش، دېزىفېكسىيە قىلىش، تېمپىراتۇرا ئۆلچەش تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندى. بىراق بۇ يىل ئافرىقىدا يۇقۇمدىن باشقا، سېرىق چېكەتكە ئاپىتى بولۇپ 700 مىليون ئاممىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە ئۇچرىدى.

8-ئايدا ئامېرىكىدا تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلام بولدى، كامالا ھاررىس (Kamala Harris) ئامېرىكىدىكى تۇنجى نېگىر ۋە ئاسىيالىقلار پۇشتىدىن بولغان مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى. ئامېرىكا ئاياللىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقەتەن ھاياجانلىنارلىق بىر ئىش بولدى.

بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو ئامازون ئورمانلىقىنى كېسىشكە ئىلھام بەردى، پورتوۋىللىيونىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى يېشىللىق بىلەن قاقاسلىق روشەن سېلىشتۇرما بولدى، بىر تەرەپ ئىپتىدائىي ئورمانلىق، يەنە بىر تەرەپ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ قاقاسلىققا ئايلانغان نامايەندىسى.

ياپونىيەنىڭ بىر يۈك پاراخوتى خادا تاشقا سوقۇلۇپ كېتىپ نۇرغۇن نېفىت ئېقىپ كەتتى، دېڭىز سۈيى قارا رەڭگە كىردى.

ماۋرىتىئۇس خەلقى ئارقا-ئارقىدىن دېڭىزغا بېرىپ نېفىتنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى توسۇماقچى بولدى. بىراق، ئالىبۇرۇن ۋاقتى ئۆتكەنىدى، بۇ جاي تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر مۇھىت مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنىدى.

8-ئايدا يەنە ياپونىيەنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن باش ۋەزىرى ئابې شىنزو تۇيۇقسىز سالامەتلىكىنى باھانە قىلىپ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ۋەزىپىنى سۇگا يۇشىخىدې ئۆتكۈزۈۋالدى.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، نۇرغۇن ئادەم ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن ئايرىلدى.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم سەۋەبىدىن بەزىلەر ھاياتىدىن، بەزىلەر يۇرت-ماكانى ۋە خىزمىتىدىن ئايرىلدى.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى تىرامپ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئايال كونسېرۋاتىپلار سوتچىسىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە ئامېرىكا ئەدلىيە مۇھىتىنىڭ كەلگۈسىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويدى.

10-ئاينىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا سايلىمىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۈندە دېگۈدەك كۆرۈپ تۇردۇق، كىشىلەر زادى قايسىسى ئۇتۇپ چىقىشىغا قىزىقىۋاتقاندا، تىرامپ بىلەن مېلانىيانىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى.

10-ئاينىڭ 2-كۈنى ھەر ئىككىيلەننىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى. ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرامپ مەردانە قىياپەتتە ئاقسارايغا قايتتى، يەنە تېخى بالكوندا تۇرۇپ ماسكىسىنى ئېلىۋېتىپ مۇخبىرلارغا سالام قىلدى. شۇ كۈنى مۇخبىرلار بۇنىڭدا بىرەر ئويۇن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

10-ئايدا فىرانسىيە دۆلەتنى يەنە بىر قېتىم تاقاشقا تەييارلىق قىلدى، گېرمانىيە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يەنە بىر ئاي تاقىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئىسپانىيە يەنە بىر قېتىم مەملىكەت خاراكتېرلىك جىددىي ھالەتكە كىردى.

11-ئاي خۇشخەۋەر بىلەن باشلاندى.

يۈەن لوڭپىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر قوش پەسىللىك شال ئىشلەپچىقىرىشىنى سىناق قىلىپ رېكورت خاراكتېرلىك نەتىجە ياراتتى.

11-ئاي ئامېرىكا چوڭ سايلىمى ئېيى

بۇ قېتىمقى سايلام ئامېرىكا تارىخىدىكى قاتناشقۇچىلار ئەڭ كۆپ سايلام بولۇپ قالدى. 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بولغان ناۋاخولار ئات مىنىپ بېلەت تاشلاپ پونكىتىغا كەلدى.

11-ئاينىڭ 7-كۈنى پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن سايلام بېلەتلىرى بايدېننىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرىلاتتى.

تىرامپتىن سايلام توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ چوقۇم يېڭىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما كەينىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلىۋېلىش قىيىن ئەمەس ئىدى. ئامېرىكا چوڭ سايلىمىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كىشىلەر تالىشىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

مانخاتتوندىكى بىر تاكسى شوپۇرى بايدېننىڭ 2020-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يەڭگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

بىراق ئوخشاشلا شۇ كۈنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى يەنىلا تىرامپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سايلام بېلىتى ئوغرىلاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

11-ئاينىڭ 8-كۈنى ياپونىيەدە يېڭى تەخت ۋارىسى تەيىنلەندى.

11-ئاينىڭ 9-كۈنى دانىيە باش ۋەزىرى بېقىلىۋاتقان بارلىق سۇ بۇلغۇنلىرىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈردى. بۇ بىچارە جانىۋارلار ئىلگىرى دانىيەنىڭ باقمىچىلىققا ئىلھام بەرگەن ئىقتىسادى ئۆي ھايۋىنى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ئادەم يىراق قاچىدىغان يۇقۇم مەنبەسىگە ئايلاندى.

11-ئاينىڭ 24-كۈنى گەرچە تىرامپ ئۇتتۇرغانلىقىغا تەن بەرمىسىمۇ، ئەمما ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى نورمال باشلاندى.

11-ئاينىڭ 15-كۈنى 15 دۆلەت ئۇزۇن ۋاقىت مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى RCEP (رايونلار ئومۇمىي ئىقتىسادىي ھەمراھلىق ھەمكارلىق كېلىشىمى) ئىمزالىدى. بۇ ئاسىيادىكى دۆلەتلەر سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ چىڭىغانلىقى، شۇنداقلا «ئاسىيا ئەسىرى»نىڭ پات ئارىدا يېتىپ كېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

11-ئاينىڭ 16-كۈنى دۆلىتىمىز «چاڭئې 5-نومۇر»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىز 40 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاي شارى تاغ جىنسى ۋە تۇپراق ئەۋرىشىكىسىنى يەر شارىغا ئېلىپ كەلگەن تۇنجى دۆلەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەنگلىيە دۇنيا بويىچە كەڭ كۆلەمدە ۋاكسىنا ئەملەش باشلانغان دۆلەت بولۇپ قالدى، 90 ياشلىق موماي مارگارېت كېنان (Margaret Keenan)غا تۇنجى بولۇپ ۋاكسىنا ئەملەندى. ۋاكسىنا بەلكىم بىزنىڭ نورمال تۇرمۇشىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزدىكى ياردەمچى بولۇپ قالار.

12-ئاينىڭ 12-كۈنى سەككىز ياشلىق قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ئۇنى ئۆمۈرلۈك مېيىپكە ئايلاندۇرغان جۇ دۇسۇننىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلدى. بىر نارەسىدىنى ئاشۇنداق ئېغىر يارىلاندۇرغان جىنايەتچىگە بېرىلگەن 12 يىللىق قاماق جازاسى ھەقىقەتەن بەك ئاز، بەك ئاز. غەزەپلەنگەن شەھەر ئاھالىسى شۇ كۈنى ئەتىگەندە تۈرمە ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا تۇخۇم ئېتىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

كىشىلەر 2020-يىلى تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىشلار بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان. بىراق بۇ يىل نۇرغۇن رىقابەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا تولدى، پۈتۈن دۇنيانىڭ تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، بىز خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمىگەن نۇرغۇن ئازابلىق ئىشلار يۈز بەردى.

ئىنسانلار يەنىلا زور قىيىنچىلىقلار ئارىسىدىن يەنىلا ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

كۆپچىلىكنىڭ 2021-يىلىنىڭ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


分享到: