|
سامسۇڭ تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بايراقدار يانفون發表時間:2020-12-18 19:28來源:تور دۇنياسى سامسۇڭ 2021-يىلى 1-ئايدا Galaxy S21 يۈرۈشلۈكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئالدىنقى ئەۋلاد ئۈچ خىل مەھسۇلاتنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىدا، S21 Ultra يەنىلا يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفون سۈپىتىدە ئىستېمالچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. تاسادىپىلىق كۆرۈلمىسىلا، بۇ يانفون بىر قانچە جەھەتتىن ئۆزگەرتىلىدۇ، لايىھە ۋە ئىقتىدار جەھەتتە پۈتۈنلەي قايتىدىن لايىھەلەنگەن سىن سېستىمىسى يەنە بىر قېتىم باشقا ئابونتلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، يانفون پادىشاھى دەرىجىسىدىكى مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، Galaxy S21 Ultra بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، يەنى سامسۇڭ تۇنجى قېتىم S Penنى Galaxy Sيۈرۈشلۈكىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ قەلەم سۈپىتىدە S21 Ultraنىڭ تاللاشقا بولىدىغان قوشۇمچىسى سۈپىتىدە تەمىنلىنىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغان ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە، سامسۇڭ S Pen سېزىمچان قەلىمى ئىزچىل Galaxy Note يۈرۈشلۈكى بىلەن S يۈرۈشلۈكىنىڭ ئەڭ روشەن پەرقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. يېقىندا، گوللاندىيە پەن-تېخنىكا تور بېكىتى LetsG Digital ئىتالىيەلىك تەكشىلىك لايىھەلىگۈچىسى جۇسپې سپىنېلى بىلەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسەن، S Penلىق سامسۇڭ S21 Ultra مەھسۇلاتىنىڭ بىر يۈرۈش رەڭلەنگەن خەرىتىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئىگىلىنىشىچە، سامسۇڭ S21 Ultra ئەڭ دەسلەپتە پەقەت قارا ۋە كۈمۈش رەڭلىك نۇسخىسىنىلا ئېلان قىلغان، تەخمىنەن ئۈچ ئايدىن كېيىن يەنە قوڭۇر رەڭ ۋە قېنىق كۆك رەڭلىك يېڭى رەڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، Galaxy S21 Ultra Note يۈرۈشلۈكىگە ئوخشاش يانڧوننىڭ ئىچكى قىسمىغا مەخسۇس S Pen ساقلايدىغان بىر قىستۇرۇش ئوقۇرى لايىھەلىمىگەن. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپلىگەن پارچە سېتىش سودىگەرلىرى Galaxy S21 Ultra نىڭ سىلىتسىيلىق يېلىم قېپى ۋە سامسۇڭ Clear View مەخسۇس قېپىنى چىقىرىپ بولغان، بۇ قوغداش قېپى S Penنىڭ ساقلىشىنى بوشلۇق بىلەن تەمىنلىگەن، ئىشلەتكۈچىلەر S Penنى ساقلايدىغان نۇسخىنى قوللىسا ياكى S Pen ئايرىمىسى بولمىغان نۇسخىنى تاللىسا بولىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى «سامسۇڭ Galaxy Note يۈرۈشلۈكىنى بىكار قىلىدۇ» دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان، بۇ ئۆسەك سۆز«S Pen»نىڭ Galaxy S يۈرۈشلۈكىگە تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن قايتا باش كۆتۈرگەن، تېخىمۇ كۆپ كىشى سامسۇڭنىڭ 2021- يىلى Note يۈرۈشلۈكىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنى ئېلان قىلمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئەمما LetsG Digital نىڭ كورېيەدىكى ئىشەنچلىك ئۇچۇر مەنبەسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى Note يۈرۈشلۈك يانفون تىپى يەنىلا 2021-يىلى ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، سامسۇڭ شىركىتى يەنە ئورالمىنىڭ ئىچىدە زەرەتلىگۈچ ۋە تىڭشىغۇچ بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، بەلكى بىر قەدەر تۆۋەن باھادا بۇ ئاساسىي زاپچاسلارنى تەمىنلەيدۇ. بىراق ئالمىنىڭ ھەيۋەتلىك «مۇھىت ئاسراش» سۆزىگە سېلىشتۇرغاندا، سامسۇڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان مۇددىئاسى بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر نۇقتا 5G نىڭ ئالاقىدار دېتاللىرىنىڭ تەننەرخىنىڭ ئېشىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن سامسۇڭ باھا رىقابەت كۈچىنى ساقلاش ئۇسۇلىنى ئىزدەشكە باشلىغان، قوشۇمچە زەرەتلىگۈچ بىلەن تىڭشىغۇچنى ئازايتىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك تەدبىر. |
|